مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەنبىھ بېرىش ھوقۇقىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر

2021.03.02 20:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە، تەنبىھ بېرىش قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئوقۇتقۇچىلاردا بىر «ئۆتكۈر شەمشەر» بار بولدى، قائىدىدە، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا تەنبىھ بېرىشكە بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، باشقۇرۇشنى خالىمايدىغان، باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان بۇ گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.

  تەلىم-تەربىيە، تەنبىھ بېرىش ھوقۇقىدا قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

  1. ھەممە بالىلارنى جازالىغىلى بولمايدۇ. يەسلىدىكى بالىلار ۋە ئالاھىدە بالىلار تەلىم-تەربىيە، تەنبىھ بېرىشنى يولغا قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ.

  2. بەزى جازالارنى ئوقۇتقۇچىلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. يېڭى قائىدىدە «سەككىزگە يول قويماسلىق» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەسىلەن، «جىسمانىي زەخىم يەتكۈزۈش، زەربە بېرىش، سانجىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىۋاسىتە جىسمانىي ئازاب پەيدا قىلىدىغان تەن جازاسى»، «شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى»، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ھاقارەتلەش» قاتارلىقلار چەكلەندى، تەنبىھ بېرىش بىلەن تەن جازاسى ئوتتۇرىسىدىكى «قىزىل سىزىق» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  3. كەپسىز بالىلارنى جازالاشتىمۇ «ئائىلە بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىشىش» كېرەك. تەنبىھ بېرىشنى يولغا قويۇش يولىدا، ئوقۇتقۇچىلار «ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا» ياكى «ئۆزى يالغۇز قىلسا» بولمايدۇ. قائىدىنىڭ 16-ماددىسىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئاتا-ئانىلارمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ماسلىشىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  4. ئوقۇغۇچىلار قايىل بولمىسا ئەرز قىلسا بولىدۇ. قائىدىنىڭ 17-ماددىسىدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى، تەلىم-تەربىيە، تەنبىھ بېرىش ياكى ئىنتىزام جازاسىغا قايىل بولمىسا، 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە مەكتەپكە ئەرز قىلسا بولىدۇ. ئەرز نەتىجىسىگە قايىل بولمىسا، يەنە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ.

  5. ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تەنبىھ بېرىش ھەققىدە ئوقۇتقۇچىلارمۇ تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. بەزى ئوقۇتقۇچىلار «باشقۇرالمايدىغان» مەسىلىلەرگە قارىتا، قائىدىدە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى قاراتمىلىق كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ