12- ئاينىڭ 25- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مانېۋىرىنى كۆرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، بېيجىڭ تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، بېيجىڭ ۋوگزالى، بېيجىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار قاتناشقان چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ مانېۋىرى بېيجىڭدا پويىز ئىستانسىسى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مانېۋىر تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئامانلىق ساقلاش ۋە نەق مەيداندا يېتەكلەش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇنىڭدا، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ ساق-سالامەت سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى