باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 168 پارچە تەكلىپ بەردى

2015.03.15 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا 168 پارچە تەكلىپ سۇندى، بۇ تەكلىپلەر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، بولۇپمۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكلىپلەر تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى.

  ليۇ شىنچى، ۋاڭ جيەن، خالىدە ئابدۇقادىر قاتارلىق ۋەكىللەر پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆي كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش، نېفىت-گاز بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېچىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇندى. ۋەكىللەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىدا، يەنە پاختىنى سېتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى تېرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ ئۆي كاپالەت خىزمىتىدە، سېلىش، تەقسىملەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەخسۇس ئورگانلارنى قۇرۇپ، ئۆي كاپالەت خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ نېفىت-گاز بايلىقىنى تەكشۈرۈش ئېچىشقا قاتنىشىشىنى قوللايدىغان سىياسەت، چارىلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش كېرەك.

  خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر ۋەكىللەر كۆڭۈل بۆلگەن مۇھىم نۇقتا بولدى. دوڭ شىنگۇاڭ، مۇختەبەر سادىق، ياڭ چىن، باغدانگۈل زات قاتارلىق ۋەكىللەر خەلق تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلار مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇندىن باشقا، نۇرغۇن ۋەكىللەر يەنە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر