باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە ئاپتوموبىللارنى مايلىقتىن گازلىققا ئۆزگەرتىش جىددىي ئىشلەنمەكتە

2015.01.29 15:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتى تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى مايدىكى گازلىققا ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. لياۋنىڭ ئۆلكىسى بويىچە 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پاكىز ئېنېرگىيە ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل %100 كە يەتكۈزۈلىدىكەن. ئاممىۋى قاتناشتا تەبىئىي گازنى يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.

  ھازىر لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە 62 مىڭ كىرا ئاپتوموبىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 47 مىڭى يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەتكەن بولۇپ، كىرا ئاپتوموبىلىنىڭ %76.5 ىنى ئىگىلىگەن؛ شەھەر ئاپتوبۇسىدىن 18 مىڭ 381 ى بولۇپ، بۇنىڭ 6693 ى پاكىز ئېنېرگىيە ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەتكەن.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: شېنياڭ شەھەر رايونىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن 5300 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغىنى 1982 ئىكەن. بۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ %37.4ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار تەبىئىي گازنى يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىلىدىكەن، شۇنداقلا 2014 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە يېڭىلانغان تەبىئىي گازنى يېقىلغۇ قىلىدىغان شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرىنىڭ ھەر بىرىگە 20مىڭ يۈەن مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بەزى رايونلارنى ‹‹مايدىن گازغا ئۆزگەرتىش›› قىزغىنلىقى ئىلگىرىكىدىن بوشاپ قالغان. بۇ ئاساسلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماي باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈپ، تەبىئىي گاز باھاسى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ كىچىكلىگەنلىكىدىن بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، گاز قاچىلاش پونكىتلىرى ئاز بولۇش، گاز قاچىلاش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ تەدرىجىي گەۋدىلەنگەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر