- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چىڭخەي ئۆلكىسىدە ياخشىلانغان ئوتلاق كۆلىمى 30 مىليون مودىن ئاشتى
2015.01.29 15:41 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چىڭخەي ئۆلكىسى چىليەن ناھىيەسىدىكى 15مىليون 220 مىڭ مو ئوتلاقتىن چىققان چارۋا مال گۆشلىرى يېقىندا جۇڭگو ئورگانىك يېمەكلىك گۇۋاھلىق مەركىزى ۋە چىڭخەي ئۆلكىسى يېشىل يېمەكلىك ئىشخانىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو ئورگانىك مەھسۇلات ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن چىڭخەي ئۆلكىسىدە جەمئىي 32 مىليون 425 مىڭ مو ئوتلاق ئورگانىك چارۋا مال بېقىش ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى.
چىڭخەي ئۆلكىلىك چارۋىچىلىق نازارىتى چارۋىچىلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاۋ چۇنيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چىڭخەي ئۆلكىسى خۇاڭخې، چاڭجياڭ، لەنساڭجياڭ دەريالىرىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولغاچقا، دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ‹‹دۇنيادىكى تۆت چوڭ زىيانسىز ئالاھىدە پاكىز رايون››نىڭ بىرى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكى چىڭخەي ئۆلكىسىنى ئورگانىك چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەبىئىي مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر