باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر كۆلىمىنى ئايرىش ئۆلچىمى تەڭشەلدى

2014.12.12 13:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن 20 – نويابىر ‹‹شەھەر كۆلىمىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› تارقىتىپ، دۆلىتىمىزدىكى شەھەرلەرنى نوپۇس كۆلىمىگە قاراپ بەش خىل، يەتتە دەرىجىگە ئايرىدى . يەنى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 500 مىڭدىن تۆۋەن شەھەرلەر كىچىك شەھەرگە، بۇنىڭ ئىچىدە نوپۇسى 200 مىڭدىن كۆپ، 500 مىڭدىن ئاز شەھەرلەرⅠتىپتىكى كىچىك شەھەرگە، 200 مىڭدىن ئاز شەھەرلەرⅡ تىپتىكى كىچىك شەھەرگە؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 500 مىڭدىن كۆپ، 1 مىليوندىن ئاز شەھەرلەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرگە؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپ، 5 مىليوندىن ئاز شەھەرلەر چوڭ شەھەرگە، بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليوندىن كۆپ، 5 مىليوندىن ئاز شەھەرلەرⅠ تىپتىكى چوڭ شەھەرگە، بىر مىليوندىن كۆپ، 3 مىليوندىن ئاز شەھەرلەرⅡ تىپتىكى چوڭ شەھەرگە؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 5 مىليوندىن كۆپ، 10 مىليوندىن ئاز شەھەرلەر ئالاھىدە چوڭ شەھەرگە؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەرلەر پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەرگە ئايرىلدى.

  يېڭى ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، ‹‹دۆلەتنىڭ يېڭىچە شەھەرلىشىش پىلانى ( 2014 – 2020 – يىلىغىچە) ›› دا ئېلان قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەردىن ئالتىسى بولۇپ ، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، چۇڭچىڭ، گۇاڭجۇ، شېنجېن ئىكەن؛ ئالاھىدە چوڭ شەھەر ئۆلچىمىگە توشىدىغان شەھەر ئون ؛ چوڭ شەھەر ئۆلچىمىگە توشىدىغان شەھەر 124 ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر