باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«12317» نامراتلارنى يۆلەشنى نازارەت قىلىش تېلېفونى پات ئارىدا ئېچىۋېتىلىدۇ

2014.12.12 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى بىلەن تۈرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈرىنى باشقۇرۇشتىكى قائىدە، ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش ئىشخانىسى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى «12317» نازارەت قىلىش-پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېچىۋېتىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «12317» نازارەت قىلىش-پاش قىلىش تېلېفونىدا نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش، تەقسىملەش، ئىشلىتىشتىكى مەسىلىلەر، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە باشقۇرۇشتىكى مەسىلىلەرنى شۇنىڭدەك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش، خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن پاش قىلىنغان مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا، پاش قىلغۇچىغا 20 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى ئىنكاس قىلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر