باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشى ئىسلاھاتىدىن ئارزۇ مەنزىلى نۇرلاندى

2014.10.23 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملاشتى، كىرىم ئاشتى،ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇكەممەللەشتى

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، ئەمما خەلق تۇرمۇشى تېز ياخشىلاندى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى. ئىسلاھاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلىشىشىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى. ئىسلاھات پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ.

  2013-يىل 2-ئايدا، كىرىم تەقىسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ لاھىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «2015-يىلغا بارغاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى شۇ جايدىكى شەھەر-بازار كەسىپكارلىرى ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %40 دىن ئاشۇرۇلىدۇ». ‐‐‐‐ «تۆۋەن چەكنى ئۆستۇرۇش» تەدبىرى تۆۋەن كىرىملىكلەرگە ئۈمىد نۇرى ئاتا قىلدى. «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مائاش باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ»، «ساھەلەرنىڭ مائاش كىرىمىدىكى پەرق تەدرىجىي كىچىكلىتىلىدۇ». ‐‐‐ـ «يۇقىرى چەكنى تىزگىنلەش» تەدبىرى كىشىلەرگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇردى.

  GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلاۋاتقان ئەھۋالدا، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ئىزچىل ئېشىۋاتىدۇ. بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىلكىي كىرىمى 14 مىڭ 986 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 نامىي ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە %8.2 نەق ئاشتى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى GDP نىڭ %7.4 لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى زور نىسبەتتە ئاشتى. كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى «ئۇدا 10 قېتىم تەڭشىلىپ»، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 ئۆستى، ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 2 مىڭ يۈەنگە يەتتى. شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت تولۇقلىما پۇلى ئۆلچىمى 40 يۈەن ئۆسۈپ، 320 يۈەنگە يەتتى. تولۇقلىما پۇل ئۆلچىمى «ئۇدا ئالتە قېتىم ئاشۇرۇلدى». جۇڭگو (خەينەن) تەرەققىيات تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ».

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر