باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ ياخشى سوتچىلار» جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى

2014.10.24 09:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 20-ئۆكتەبىر جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ليۇ لى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ ياخشى ئون سوتچىنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى پۈتۈن جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلدى. ليۇ لى، ۋاڭ باۋشېڭ، سۈن بو، پېڭ ۋېنجوڭ، جياڭ شۇاڭجۈ، خۇاڭ جىلى، جۇ جېڭشۈ، گو شىڭلى، چۈن چياڭ، سەيراڭ ۋاڭجى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئون سوتچى ئوخشىمىغان جاي، ئوخشىمىغان ئورۇندىن كەلگەن، ئۇلار مەجبۇرىيىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامغا يىلتىز تارتىپ، قانۇننىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن؛ پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، دېلونى ئادىل بېجىرىپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ نوپۇزى، ھۆرمىتىنى قوغدىغان؛ دېلودا ئادىل مۇنازىرىنى ئاساس قىلىپ، خەلقنىڭ ھالىغا قۇلاق سېلىپ، ئامما ئارىسىدىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى پەسەيتىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، جەمئىيەتتىكى ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان. پائالىيەت نەق مەيدانىدا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ليۇ لى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ ياخشى ئون سوتچىنى تەقدىرلەش ھەققىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى، مەملىكەتلىك ئۈلگىلىك سوتچى سوڭ يۈشۈي ئۇلارغا «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ ياخشى سوتچى» دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر