باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سوۋغا بەرمىسە ئىش بېجىرمەسلىك ئەمەل سورۇنىدىكى نۇقساننى ئەكس ئەتتۈردى

2014.10.24 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئاشكارا قاراپ چىقىلغان ئەنخۇي ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى جىن شۇفاڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىدا، ئەيىبلىگۈچى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 78 پارا بەرگەن كارخانىنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ «باشقارما باشلىقى جىن شۇفاڭغا سوۋغا بەرمىسەك، ئىشىمىز پۈتمەيتتى» دېگەن گەپنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. قارىغاندا بۇ كارخانىلار گۇمانخورلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك قىلاتتى، بۇ-ئەمەل سورۇنىدىكى نۇقسانلار ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  بۇ خىل كېسەلنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، تۈزۈلمىنىڭ گېنىدا غەيرىي ئۆزگىرىش بولغان. مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى مۇكەممەل بولماسلىق، مەمۇرىي تەرتىپنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق، ھوقۇق ھەرىكىتى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىقلار بۇنداق جاھىل ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، يەنى ئەمەلدارلار ھوقۇققا ئېرىشىپلا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش، كارخانىلار يوچۇق بولسىلا پايدىلىنىپ كېتىش مەسىلىسىنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەمۇرىي تەستىقلاشنىڭ يۈرۈشلۈك سىياسەتلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، بولۇپمۇ نازارەت ھالقىلىرىدىكى كوللېكتىپ مەسئۇلىيەتسىزلىك ھوقۇقنى قەپەستىن چىقىرىپ، ناتوغرا ئىستىلنىڭ خەلقى ئالەم ئالدىدا يامرىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  بۇ جاھىل كېسەلنى تەلتۆكۈس داۋالاشتا، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: باش مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇش تۈزۈمى، تەكشۈرۈش، باھالاش تۈزۈمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك تۈزۈملەرنى تەڭ قەدەمدە يولغا قويغاندىلا، ئاندىن ھوقۇققا ھەقىقىي، ئەمەلىي چەكلىمە قويغىلى، سوۋغا بەرمىسە ئىش بېجىرمەيدىغان يوشۇرۇن قائىدىلەرنى تۈزەتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر