باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

APEC مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 22-ئۆكتەبىر ئېچىلىدۇ

2014.10.24 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21-نۆۋەتلىك ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، 21 ئەزا دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە شەخسى تارماقلارنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدۇ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋە بۇ قېتىمقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لو جىۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇقتىلىق ساھە قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇل ئەسلىھەدە ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىقى يەنى ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەر شېرىكلىك مۇناسىۋىتى قېلىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە كونكېرت نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرىلىدۇ، جۈملىدىن رايونلار ئارا ئۇل ئەسلىھەدە ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەر شېرىكلىك قېلىپى جەھەتتىكى تەجرىبە ۋە ساۋاقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىنىدۇ، ئۇل ئەسلىھەدە ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەر شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىلان تۈزىلىدۇ، رايون ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتسادى گەۋدىلەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەر شېرىكلىك قېلىپىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈشى ۋە ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ، ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەر شېرىكلىك قېلىپىنىڭ مەركەزلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر