باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسى مۇھىم باسقۇچقا كىردى

2014.10.24 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ ئاي جۇڭگونىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسى مۇھىم باسقۇچقا كىردى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارەش قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى زور مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى لايىھەسى چىقىرىلىدۇ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى چوقۇم زامانىۋىيلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ لىمىن مۇنداق دېدى: مەيلى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش بولسۇن ۋە ياكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بولسۇن قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ ھامىيەتلىك تەلىپىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تەپپەككۇر ۋە ئۇسۇلدىن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پايدىلانغاندىلا ئاندىن قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا تۈزۈملەشتۈرۈپ ھەل قىلىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ.

  قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى چوقۇم ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كېرەك، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھالقىسى ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە خەلقكە باشلامچىلىق قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن تۈزىدۇ، پارتىيە چوقۇن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىن ھالقىپ كېتىدىغان ئىمتىيازى يوق، سۆزنى قانۇن ئورنىغا دەسسىتىشكە، ھوقۇق بىلەن قانۇننى بېسىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشقا بولمايدۇ. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خەن دايۈەن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇننى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي ۋە كاپالىتى قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى تەكىتلەش، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش؛ ئاساسىي قانۇن تەربىيەسى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكىتلەش، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇش ۋە مۇجەسسەم كۈچ ھاسىل قىلىش؛ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى، تەپتىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىنى تەكىتلەش، جەمئىيەت ھەققانىيلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بىلەن قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت باش گەۋدە، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت ئىككى قانات. ھۆكۈمەت فۇنكىسىيەسىدە ئۆزگىرىش ياساش يادرو قىلىنغان مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئارقا ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئېلىمىز «ھوقۇق تىزىملىكى» چىقىرىپ، «قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەنلەرنى قىلماسلىق» دېگەننى يولغا قويماقچى؛ سەلبى تىزىملىكنى چىقىرىپ، قانۇندا چەكلەنمىگەنلەرنى قىلسا بولىدۇ دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرماقچى؛ مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى چىقىرىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىش دېگەننى بېكىتمەكچى. بۇ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چېگراسىنى تېخىمۇ ئېنىق ئايرىپ، ھۆكۈمەتنى بازار تەرتىپىنىڭ رېپېرىغا، ئىسلاھات قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى پۈتۈن جۇڭگوغا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شامىلىنى يەتكۈزۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ. قانۇن تۇرغۇزۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە ئامما بىرلىكتە جەمئىيەت قانۇنغا بوي سۇنىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان كەيپىياتنى بىرلىكتە يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر