باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نوپۇسقا ئالدۇرغانلار شۇ جاينىڭ تۇغۇت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

لى چۈنشيا

2014.10.23 15:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالاقىدار مەسئۇللار ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› نى چۈشەندۈردى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 30 – سېنتەبىر ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› (تۆۋەندە ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› دېيىلدى)نى ئېلان قىلىپ، نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى ۋە تەڭشىدى. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئالاقىدار قانداق مەزمۇنلار بار؟ ئاپتونوم رايونىمىز يەنە قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ياڭ ماۋلىن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يېشىپ بەردى.

  سوئال: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››نىڭ 6 – ماددىسىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ قويۇۋېتىلىدۇ، نوپۇسقا ئالدۇرغانلار شۇ جاينىڭ نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر بىلەن ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، كونكرېت ئىپادىسى قانداق؟

  ياڭ ماۋلىن: بۇ، ئاۋۋال تۇغۇت سىياسىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نوپۇسقا ئالدۇرغانلار شۇ جاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولسىمۇ، بىراق بەزىلەرنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نوپۇسقا ئالدۇرغانلار جەزمەن شۇ جايدا ئۈچ يىل (جۈملىدىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن كۆپرەك خىزمەت قىلغان ياكى تۇرغان بولۇشى كېرەك. يەنە بىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدا نوپۇسقا ئالدۇرغانلار شۇ جاينىڭ پىلانلىق تۇغۇتتىكى مۇكاپاتلاش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  سوئال: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› نىڭ 8 – ماددىسىدا، شەھەر، يېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىگە ماس كېلىدىغان مائارىپ، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، يەر(ئوتلاق، ئورمان يېرى) ۋە نوپۇس ئىستاتىستىكا قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ تەلەپلەر پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىدا قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟

  ياڭ ماۋلىن: شەھەر، يېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىنىڭ پەرقىنى تۈگىتىش نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت نىشانىدۇر. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە مۇشۇ نىشان ئاساس قىلىنىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تەڭشىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئەمما نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش بىر دەمدىلا تۈگىتىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭغا بىر جەريان كېتىدۇ. يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىنىڭ پەرقىنى تۈگىتىشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە دەلىللەپ، شەھەر، يېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىگە ماس كېلىدىغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ماس تۈزۈم – چارىلەرنى ئورنىتىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىدۇ.

  سوئال: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› نىڭ 10 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ ھالدا تۇغۇلغانلار كەنت (مەھەللە) ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتنى ياكى ساقچىخانىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلىپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن كېيىن، نوپۇسقا ئالدۇرىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەلەپنى قانداق چۈشۈنىشكە بولىدۇ؟

  ياڭ ماۋلىن: پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ ھالدا پەرزەنت كۆرگەنلەر جەزمەن مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى››دا، قانۇنغا خىلاپ ھالدا پەرزەنتلىك بولغۇچىلاردىن ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مۇئەييەن ئىجتىمائىي بېقىش ھەققى ئېلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپ ھالدا پەرزەنت كۆرگۈچىلەردىن ئىجتىمائىي بېقىش ھەققى ئېلىشنى قوللاش ۋە ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار.

  ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي بېقىش ھەققىنى ۋاقتىنچە تاپشۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى شۇ كىشىنىڭ يازما كاپالەتنامە يېزىپ بېرىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن ئەھۋالغا قاراپ، ئىجتىمائىي بېقىش ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەل قىلسا بولىدۇ.

  نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت باشقۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم تەدبىرى. ھەر دەرىجىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، خىزمەت تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، ج خ تارماقلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر