باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلا–گېرمۇ تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى يىل ئاخىرىغىچە باشلىنىدۇ

2014.10.23 15:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كورلا – گېرمۇ تۆمۈريولىنىڭ مۇمكىنچىلىك دوكلاتىنى تەستىقلىغان، بۇ، بۇ تۆمۈريولنىڭ ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ھازىر قۇرۇلۇش مەبلىغى تولۇق ئەمەلىيلىشىپ بولغان بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.

  كورلا – گېرمۇ تۆمۈريولى ئاپتونوم رايون 2014 – يىلى قۇرۇلۇش قىلىشنى پىلانلىغان نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، بۇ تۈر چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گېرمۇ شەھىرىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئالتۇنتاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چاقىلىق، لوپنۇر ناھىيەلىرىدىن ئۆتۈپ كورلا شەھىرىگە بارىدۇ. بۇ تۆمۈريولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1214.6 كىلومېتىر بولۇپ، يولۇچى ۋە يۈك توشۇلىدىغان تاق لىنىيەلىك ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول ئىكەن، بۇ تۆمۈريولنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 711.9 كىلومېتىر بولۇپ، تۈردىكى تۆمۈريول ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ %59ىنى ئىگىلەيدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىشىشى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى نەتىجىسىدە، ھازىر بۇ تۆمۈريول تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلىغى تولۇق ئەمەلىيلەشكەن. تۈرنىڭ تەستىقلانغان ئومۇمىي مەبلىغى 37 مىليارد 640 مىليون يۈەن، ئۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ تەۋەسىگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 23 مىليارد 337 مىليون يۈەن. ھازىر مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ، شىنجاڭ، چىڭخەي، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى قاتارلىق تەرەپلەر مەبلەغنى نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولغان. بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى تۆت يىل ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: كورلا – گېرمۇ تۆمۈريولى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى جەنۇبىي ئۆتۈشمە يولىنىڭ مۇھىم قىسمى، ئېلىمىزنى غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا دېڭىز، قارا دېڭىز رايونىغا تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇقلۇق تىرانسپورت ئۆتۈشمە يولى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇقلۇق ئۆتۈشمە يولى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىقىدىغان 3 – تۆمۈريول ئۆتۈشمە يولى بولۇپ، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر بۇ تۈرنىڭ يەر ئېلىش، چېقىپ كۆچۈرۈش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ، يىل ئاخىرىغىچە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2015 – يىلى دەسلەپكى قەدەمدە 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر