باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئەدىلىيەنىڭ ئاشكارلىقى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى

2014.10.23 10:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سىياسى قانۇن ئورگانلىرى ئەدىلىيەنىڭ ئاشكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشكارلاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاشكارلاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاشكارلىق ئارقىلىق ئادىللىققا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۈردى.

  ۋاقتىدا، سوتنىڭ قاراپ چىقىشىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشنىڭ يېڭى يولى- مىكروبىلوگدا بىۋاستە ئاڭلىتىش، بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدە بۇ كەڭ دائىرىدە تارقالدى. بۇ 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدىلىيەنىڭ ئاشكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكىرىت تەدبىرى.

  18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، قانۇن ئىجراسى ئەدىلىيە ئاشكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى سوتسىيالستىك دىموكراتىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ۋەزىيىتىگە پائال ماسلىشىپ، ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار قاتارلىق تور سۇپىسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئاچتى، بۇ ئەدىلىيەنىڭ ئاشكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. سىياسىي قانۇن مىكرو بىلوگىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى ئامانلىقنى ساقلاش باشقۇرۇش ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ «جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقىنىڭ تۆت خىل قارا كۈچكە زەربە بېرىش تۆت خىل زىيانداشنى يۇقىتىش» مەخسۇس سەھىپىسى سىنا تورىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، نوپوزلۇق خەۋەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى، بۇنىڭ توردىكى ئەگەشكۈچىسى 11مىليوندىن ئېشىپ، توردىكى ئەگەشكۈچىسى مىليوندىن ئاشقان تۇنجى ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگى بولۇپ قالدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىمۇ تەكشۈرۈش ئاشكارىلاشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، دېلو تۇرغۇزماسلىق، قولغا ئالماسلىق، ئەرىز قىلماسلىق قاتارلىق تەپتىش ئورگانلىرى تاماملاش تېپىدىكى قانۇن ھۆججەتلەرنى ئاشكارلاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، داۋاگەرنىڭ توردا ۋاقتىدا پاش قىلىش، ئەيىبلەش، ئەرىزنى بىر تەرەپ قىلىش، دېلو بېجىرىش تەرتىپى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەرگە تۇنوش بولۇپ كەتمىگەن تۈرمە، قاماقخانىلارمۇ ئاشكارلاش دەرۋازىسىنى ئاچتى. مەملىكەتلىك تۈرمە سىستېمىسى- ئېلان قىلىش، تامغا چاپلاش ئۇسۇلى بىلەن جازا ئۆتەۋاتقانلارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتى، باھالاش، مۇكاپاتلاش، جازالاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاشكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور ئۇچۇرىنى ئاشكارلاش سەھنىسى، يانفۇن ئۇچۇر سەھنىسى تۇرغۇزۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جازا ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە جەمئىيەتكە تۈرمە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلاپ، تۈرمىنىڭ قانۇن ئىجراسى خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر