باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرلىك GDP نى يارىتىشقا كېتىدىغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 تۆۋەنلىدى

2014.08.15 08:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەركەزنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلىشى ئارقىسىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمەن مۇقىم بولغان، ئېنرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يارىتىشقا كېتىدىغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.2 تۆۋەنلىگەن. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ، ئەمما نىشان ۋە ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشتا بەزى قىيىنلىق ۋە مەسىلە مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، بىر قىسىم جايلاردا ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشنى بوشاشتۇرۇش خاھىشى بار، بىر قىسىم جايلار ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش بېسىمى ئاستىدا، ئەنئەنىۋىي تەرەققىياتقا بېقىنماقتا، ئۇلار ئېنېرگىيە ۋە سۇنى كۆپ سەرپ قىىلدىغان تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىماقتا. ئىككىنچىدىن، يۇقۇرى سەرپىياتلىق كەسپلەردە ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە. ئۈچۈنچى، بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ بىرلىك مەھسۇلات سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش يۈزلىنىشى مەۋجۇت. بەزى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى قىيىنغا توختىغاچقا، كۆلەملەشتۈرۈش ئۈنۈمى جارىي قىلدۇرۇلماي، بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ كەتكەن.


  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كېيىنكى قەدەمدە ئېنېرگىيە تېجەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىقىيىن بولىۋاتقان، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى زىيادە تېز بولىۋاتقان رايونلارنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەش داۋامىدا ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشنى تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، قاراتمىلىقى بار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چۇقۇم قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياسىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر