باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كاپالىتى مېخانىزمىنىڭ تىپىدا بۇرۇلۇش ياسىلىدۇ

2014.01.13 10:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 10-يانۋار گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تارقاتقان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كاپالىتى مېخانىزمىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش پىكرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. بۇ 2010-يىلى يولغا قويۇلغان ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كاپالىتى مېخانىزمىنىڭ مالىيە كەمچىللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن، مالىيە باراۋەرلىكىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش يېڭى باسقۇچقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن، مالىيە مىنىستىرلىقى 2010-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ناھىيە يېزا خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائاش، يۈرۈشتۈرۈش،خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش نىشان قىلىنغان ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئىلگىرى سۈردى. يەرلىك ئاساس،مەركەز مالىيىسى مۇۋاپىق مۇكاپاتلاش خاراكتېرلىك تولۇقلىما بېرىش پرىنسىپى بويىچە جايلارنى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىگە قارىتا تۆۋەن كاپالەتنى يولغا قويۇشقا يېتەكلەيدۇ.كاپالەت دائىرىسى ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت خادىملىرى راسخوتى، ھۆكۈمەت راسخوتى، خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ۋە باشقا زۆرۈر چىقىمغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەركەز مالىيىسى مۇكاپاتلاش خاراكتېرلىق تولۇقلىما مەبلىغىدىن 232 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجراتقان؛ ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ناھىيە دەرىجىلىك يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ تىز سۈرەتتە كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان.

  ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كاپالىتى خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىق ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن رايونلار ئارىسىدىكى مالىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يەنىلا باراۋەر بولمىغانلىقتىن، قىسمەن مالىيە يەنىلا مالىيە كاپالىتىنىڭ ئاخىرقى چېكىدە تۇرماقتا. چىقىم سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، چىقىم بېسىمى زورايماقتا، بۇنىڭدا تەدبىر قوللىنىپ قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان پىكىر ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كاپالىتى مېخانىزمىنىڭ تىپىدە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بەلگىسى ھەم ئېلىمىزنىڭ مالىيە باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا ئاساسىي قاتلام ،خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشى،رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بېسىلغان پۇختا بىر قەدەم ئىكەنلىكى، شۇنداقلا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى زور تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

  2010-يىلىدىكى ئۇقتۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، پىكىردە ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كاپالىتى مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەت يەرلىك مالىيەدىن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ئۆستۈرۈلۈپ، مېخانىزمنىڭ مۇھىملىقى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى ؛ تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مېخانىزم ، ئىسلاھاتقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ سىستېمىلىقى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. كاپالەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ئۆلكىدىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسى ۋە يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆلكە بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان ناھىيە مالىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كاپالىتى مەبلىغىنىڭ مۇقىم ئېشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەت تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ ياخشى ھەرىكەتلىنىش تۈزۈم كاپالىتىنى بەرپا قىلىپ، مالىيەنىڭ جايلىشىش قېلىپى سەرخىللاشتۇرۇلدى.

  پىكىردە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى خامچوتنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاشقا يېتەكلەپ، خامچوتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بەلگىلەنگەن دائىرە ۋە ئۆلچەم بويىچە كاپالەت مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمەتلىرى فۇنكسىيىسى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. كىرىمنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، مالىيە باجدا ئىتتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئېنىقلاپ، مالىيە كىرىم سۈپىتى، ئۆزىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.

  ئۇندىن باشقا، پىكىردە نەتىجە ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. پىكردە ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كاپالىتى مېخانىزمى نەتىجە ئۈنۈمىنى باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە كۈچى كاپالىتى سەۋىيىسى، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە كۈچىنىڭ تەڭپۇڭلۇق دەرىجىسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى نۇقتىلىق باھالاپ، خىزمەتنى بىر قەدەر ياخشى قانات يايدۇرغان جايلارنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش؛ خىزمىتى ئارقىدا قالغان رايونلارنى تەنقىدلەش ۋە جازالاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىكىردە يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە كۈچىنى خىزمەت ھوقۇقى بىلەن بىرىكتۈرۈش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. مەركەز مالىيەسى مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، كىرىمنى تەقسىملەش مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە قىيىنچىلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا شارائىت يارىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بەھرىمەن قىلىنىدۇ. كاپالەت دائىرىسى تەڭشىلىپ، كاپالەت ئۆلچىمى، قىيىنچىلىق بار رايونلارنىڭ مالىيە كاپالەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت بىر تۇتاش بېكىتكەن زور خەلق تۇرمۇشى سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئاممىسىغا بولغان غەمخورلۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر