باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

2013.11.05 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «گەۋدىلىك‹تۆت خاھىش› مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە تەرتىپكە سېلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىمى ئىش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ماھىيەتلىك چارە قىلىپ، كەسكىن پوزىتسىيە، قاتتىق ئۆلچەم، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقەررەر ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىگە قارىتا، مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھۆججەت ۋە يىغىن، تەكشۈرۈش-باھالاش زىيادە كۆپ بولۇشنى تەرتىپكە سېلىپ، يىغىن، يىغىن قەرەلى ۋە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ سانىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، تۈرلۈك ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەر گېزىتى ۋە ئىچكى نەشر بۇيۇملىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، باھالاپ مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىنى قەتئىي رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر