باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر زاڭزۇ ئائىلىسىدىكى 3 ئەۋلاد كىشى ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇردى

2013.11.05 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، شېنياڭ ھەربىي رايونى 16-جىتۈەنجۈن مەلۇم لۈسىدىكى زاڭزۇ جەڭچى شياڭبا كېجۇ جەمەتىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ ئارمىيەگە قاتنىشىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرغانلىقى ۋە تۆھپە كۆرسەتكەنلىكىدەك تەسىرلىك ئىش-ئىزلار كەڭ تارقالدى.

  1950-يىلى 3-ئايدا، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ كاڭدىڭ ناھىيەسى ئازاد قىلىندى، شياڭبا كېجۇنىڭ بوۋىسى لوبۇ چاڭشوۋ يانچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، غوجايىنغا ئايلاندى. ئىككى يىلدىن كېيىن، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى قەلبىدە چىڭ ساقلاپ كەلگەن لوبۇ چاڭشوۋ ناھىيەلىك تۈرلۈك ماللار شىركىتىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ، ھەربىي سەپكە كىردى. 1956-يىلى باھاردا، لوبۇ چاڭشوۋ دەنجېن ۋېڭمۇ بىلەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بۇيرۇققا بىنائەن قىسىمغا قايتىپ باندىت يوقىتىشقا قاتناشتى. بىر كەتكەنچە نەچچە يىلغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىدى. كېيىن ھۆكۈمەتتىن ئادەم كېلىپ، لوبۇ چاڭشوۋنىڭ سەپدىشىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقىنى ئېيتتى ۋە 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەنلىك ئوردېنى ۋە نەپىقە پۇلىنى بەردى.

  20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، دەنجېن ۋېڭمۇ ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان ئوغلى لوبۇ جاشىنى ھەربىيلىككە ئەۋەتتى. بىر قېتىملىق چېگرا ئۇرۇشىدا، لوبۇ جاشى پىداكارلىق بىلەن يارىلانغان سەپدىشىنى قوتقۇزۇۋالدى، ئۆزى بولسا بومبا پارچىسى تېگىپ يارىلىنىپ، ئۈچىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىندى. 1982-يىلى، لوبۇ جاشى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، يېزىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلدى. 7 يىلدىن كېيىن ئوغلى شياڭبا كېجۇ تۇغۇلدى.

  2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ ئەسكەرلىك يېشىغا توشقان ئوغلى شياڭبا كېجۇنى نەچچە يۈز كېلومېتىر يىراقلىقتىكى دېرۇڭ ناھىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىسىتانلىقىغا ئېلىپ كەلدى ۋە لوبۇ چاڭشوۋ قەبرىسىنىڭ ئالدىدا ئوغلىغا: «بوۋاڭ ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش كېرەك، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ بىزنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ غوجايىن قىلغانلىقىنى ئونۇتماسلىقىمىز كېرەك، دېگەنىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن شياڭبا كېجۇمۇ ھەربىيلىككە قاتنىشىپ، بۇ زاڭزۇ ئائىلىسىدىكى 3-ئەۋلاد ھەربىيگە ئايلاندى.

  شياڭبا كېجۇ ھەربىي سەپكە كىرگەندىن كېيىن تۇغقانلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. مىلتىق، تاپانچا، ئاپتومات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە كامىل بولۇپ يېتىشتى. لۈ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇسابىقىلەردە 24 قېتىم چىمپىيون بولۇپ، 5 قېتىم رېكوتنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئىسمى جىسمىغا لايىق «قابىل ئالاھىدە ئەسكەر» گە ئايلاندى. (مۇخبىر سۇ يىنچېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر