باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بىزنى خاتىرجەم قىلدى

23 ئۆلكە يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 120 شەھەر سىناق نۇقتىسى قىلىندى

2013.11.05 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 10-ئايغا قەدەر، 23 ئۆلكە يولغا ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 120 شەھەر سىناق نۇقتىسى قىلىندى.دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە ئورۇن ئېلان قىلغان يېتەكچى پىكىردە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېغىر كېسەللىك يۈكى بەك ئېغىر بولۇپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بازار مېخانىزمىنى ئۆرنەك قىلغان ھالدا ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ۋە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ ئوبيېكتى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقۇچىلار بولۇپ، كېرەكلىك مەبلەغ شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ، ئاممىنىڭ شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش يۈكى ئېغىرلىتىۋېتىلمەيدۇ. جايلاردىكى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىلكىي كىرىمى ياكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ساپ كىرىمى شۇ جايدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئاپەتلىك داۋالىنىش چىقىمىغا ئۆلچەم قىلىنىدۇ. بىمارنىڭ يىللىق يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى بۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى شەخسكە قارىتا ئۈستىگە ئالىدىغان بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، ئەمەلىي ئاتچوت نىسبىتى ٪50 تىن تۆۋەن بولماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ؛ داۋالىنىش خىراجىتىنى يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن باسقۇچلۇق تۆلەش نىسبىتى بېكىتىلىدۇ، پىرىنسىپ بويىچە، داۋالىنىش خىراجىتى قانچە يۇقىرى بولسا تۆلەش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى بېكىتىپ، سودا سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىدىن ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. (ياۋ شۆچىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر