باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن بەش يىلدىكى ھەر بىر كۈندە يۈزگە يېقىن كىشى خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىشقا چېتىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلدى

2013.11.05 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى، نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار مەنسىپىدىن قالدۇرۇلدى. تۈزۈم قۇرۇلۇشى جەھەتتە يېڭى تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان جازالاش مېخانىزمى، چىرىكلىشەلمەيدىغان مۇداپىئە مېخانىزمى، ئاسانلىقچە چىرىكلەشمەيدىغان كاپالەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى، جاسارىتى ۋە سەمىمىيىتىنى جەمئىيەتكە نامايان قىلىپ، «چوڭىنى تۇتۇش، كىچىكىنىمۇ قويۇۋەتمەسلىك، ھادىسىدىن تۈزەش ئارقىلىق ماھىيەتتىن تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تەك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈردى.جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەخىرسىزلىكىنى 18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدىلا ھېس قىلغانىدى.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى قانچىلىق تەخىرسىز؟ بۇ يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-سانلىق يىغىنىدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن 2008-يىلىدىن بۇيانقى خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، بۇ 24 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2008-يىل 1-ئايدىن بۇ يىل 8-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 198 مىڭ 781 ئادەمگە چېتىشلىق 151 مىڭ 350 خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق دېلوسىنى دېلو ئېچىپ تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 167 مىڭ 514 ئادەمنى ئەيىبلىدى، بەش يىلدىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان پارا بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگۈچىلەر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪60.4 ئاشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مەزكۇر دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ھېسابلىغاندا، ئۆتكەن بەش يىلدا مەملىكىتىمىزدە كۈنىگە يۈزگە يېقىن كىشى خىيانەتچىلىك-چىرىكلىشىشكە چېتىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلگەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر