باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ «28-ئۆكتەبىر» ۋەقەسى ھەققىدىكى گۇمانى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2013.11.05 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ «28-ئۆكتەبىر» ۋەقەسىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن گۇمانلانغانلىقى، ئامېرىكا ئادەمسىز ئايروپىلانىنىڭ تالىباننىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئەربابى مەخسۇتنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، «ۋال سترېت گېزىتى»نىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دياۋيۈداۋ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېتىراپ قىلغانلىقى ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سوئال: بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى «28-ئۆكتەبىر» ۋەقەسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، لېكىن ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى قاتارلىق ئايرىم تاراتقۇلار جۇڭگونىڭ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشىدىن گۇمانلىنىپ، جۇڭگونىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى ھەتتا مەزكۇر دېلودىكى تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  جاۋاب: جۇڭگو ساقچى دائىرلىرى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى يۈز بەرگەن ماشىنىنىڭ بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى جىنشۈيچياۋ كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى بىگۇناھ خادىملار ۋە ساياھەتچىلەرگە سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ پۇختا پىلانلانغان، تەشكىللىك، مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسى ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەنلەشتۈردى.شۇنى تەكىتلەيمەنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆزئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا ئىزچىل قەتئىي قارشىتۇرىدۇ ۋە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ،ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق نام بىلەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشىغا ۋە ئۇنى قوللىشىغا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئايرىم كىشىلەر ۋە كۈچلەر بىرئۇچۇم ئۇچىغا چىققان تېررورچىلارنىڭ بىگۇناھ خادىملار ۋە ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق-تېررورلۇق قىلمىشىنى مىللەت ۋە دىن مەسىلىسى بىلەن چېتىۋېلىۋاتىدۇ ،ھەتتا شۇنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، بۇ تېررورچىلارغا كەڭچىلىك قىلغانلىق، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى. ئالاقىدار تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى جىنايەت، ھەرقانداق ۋىجدانلىق كىشى ئۇنى ئەيىبلىشى كېرەك. تاراتقۇلار بۇ مەسىلىدە ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ،ئوبيېكتىپ،ئادىل پوزىتسىيە بىلەن خەۋەر بېرىشى كېرەك،بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇشقا بولمايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر