مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 69-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىنى 8- ئاۋغۇستتىن 11-ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2020.07.30 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 69- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 29-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- قېتىملىق يىغىنىنى 8-ئاۋغۇستتىن 11- ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى قانۇنى لايىھەسى، يەر خېتى بېجى قانۇنى لايىھەسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلات قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھاكىمە قىلىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، دۆلەت بايرىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، دۆلەت گېربى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ