مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم

2020.07.28 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «كۆل، دەريا-ئېقىنلارنى يا قۇلۇپلىغىلى بولمىسا، بىز قانداق قىلالايمىز؟» ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈش ۋەقەسى ئالدىدا، ئاساسىي قاتلامدىكى رەھبىرىي كادىرلار ئامالسىزلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلىيەتتە كۆل، دەريالاردا سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا «قۇلۇپ» بار، پەقەت ئىشلىتىش يېتەرلىك ئەمەس، قۇلۇپلاش پۇختا ئەمەس. بۇ «قۇلۇپ» دەل ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيەسى بىلەن ئىجتىمائىي مۇداپىئەنىڭ بىرىكمە كۈچىدۇر. يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، مەكتەپلەر تەتىلگە قويۇپ بەردى، بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدە تەتىل يوق، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ «قۇلۇپ»نى چوقۇم ياخشى تاقاش كېرەك.

  1996-يىلى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈنى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، بىخەتەرلىك تەربىيەسىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىلدى. بولۇپمۇ 2019-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسى مەزمۇنىنى پەن دەرس ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسى مەكتەپتە ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىك تەربىيەسى ھەر ھەپتىدە، ھەر ئايدا، ھەر يىلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىي ئۈنۈمدىن قارىغاندا، بەزى جايلاردا چوڭقۇر ئەمەلىيلەشمەسلىك، يۈزەكى توختاپ قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولماقتا.

  زىيارەتتە بايقىلىشىچە، نۆۋەتتە بەزى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسى «ئۇقتۇرۇشنامە»، «بىر پارچە خەت» شەكلىدە توختاپ قالغان، ئاتا-ئانىلار ئىمزا قويسىلا، ۋەزىپە تاماملاندى، دەپ ھېسابلانغان؛ بەزى بىخەتەرلىك تەربىيەسىنىڭ «تور دەرسى» شەكلى يېڭى، مەزمۇنى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى ئېغىر بولغانلىقتىن ئاتا-ئانىلارنىڭ «تاپشۇرۇقى» غا ئايلىنىپ قالغان ياكى بولمىسا يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار كۆپ بولۇشتەك ھازىرقى ئەھۋالغا ماس كەلمەي، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا بولۇپ قالغان؛ بەزى جايلارنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسى مەسئۇلىيەتنى يەتكۈزۈش، ئارخىپتا ئىز قالدۇرۇش بىلەن قانائەتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسىگە چېتىلىدىغان ۋاقىتلىق ۋەزىپە ۋە تەكشۈرۈشلەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلانغان، لېكىن كۆپىنچىسىدە «پەقەت دورىلا يەپ، كېسەل ساقايمىغان».

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىجتىمائىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەنمىگەن. بەزى جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قاراپ، جەمئىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىدە بوشاڭلىق كۆرۈلگەن، بەزى جايلار كۆل، دەريا- ئېقىنلاردا قانچىلىك يوشۇرۇن خەۋپ بارلىقىنى ئېنىق ئىگىلىمىگەن بولۇپ، سۇدا تۇنجۇقۇش ئاسان يۈز بېرىدىغان بەزى جايلاردا ھەتتا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىمۇ يوق، چارلاش، قۇتقۇزۇش كۈچى كەمچىل بولغان، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بالىلارنى باشقا بالىلار قۇتقۇزىدىغان بولۇپ، دائىم تېخىمۇ چوڭ ئىككىلەمچى ئاپەت پەيدا بولماقتا.

  يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى. يۇقۇمدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش جەريانىدا، بىر مەۋسۈمنى ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تەتىل قىلغاندىن كېيىن چوقۇم چىقىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ، چوڭلار بولسا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش، «قۇلۇپ»نى تېخىمۇ پۇختىلاش كېرەك. بولۇپمۇ سىستېما بىرىكمە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «قۇلۇپ»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بىخەتەرلىك تەربىيەسى بىلەن ئىجتىمائىي مۇداپىئەنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  بىر تەرەپتىن مەكتەپلەر يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك دەرسىنى ياخشى ئۆتۈشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇنلار مەكتەپ بىلەن بىخەتەرلىك تەربىيەسى «مەسئۇلىيەتنامىسى» ئىمزالاپلا ئىشنى تۈگەتمەسلىكى، ھەرىكەت ئارقىلىق ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك؛ دوكلاتنى ئاز ئاڭلاش، لايىھەنى ئاز ئېلىش، ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپرەك سوراپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆپ ئۆلچەپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئۈنۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈزەكى تاقابىل تۇرۇشتىن ھەقىقىي ساقلىنىش كېرەك.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈچلىرى ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەھەر- بازارلارنىڭ تورلاشتۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىپ، ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ پىدائىيلار قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇش بىخەتەرلىك تورىنى بەرپا قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بالىلارنىڭ خەتەرلىك مەزگىلدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ