مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولايلى

2020.07.29 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇل ۋە نەرسە-كېرەكلىكلەر بىلەن ياردەم قىلغاندىن كۆرە، ياخشى بىر ياچېيكا قۇرۇپ بەرگەن تېخىمۇ ياخشى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش بولسا، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم تەجرىبە ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدىغان تايانچ كۈچكە ئايلاندۇش كېرەك.» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى، ھەمدە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا قانچە يېقىنلاشقانچە، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ.» دەپ تەكىتلىدى. بۇ بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋە «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرلىشىدىغان يىلى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان يىل. ئەسلىدىلا بۇنىڭدا نۇرغۇن قاتتىق جەڭلەر بار ئىدى، بۇنىڭغا يەنە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقە قوشۇلۇپ قىيىنچىلىقنىڭ يەنە كۆپىيىشى بىلەن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەر قويۇلدى. دېمەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىمۇ كۈچەيتىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بىرىنچى قول رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك شۇجىلار خىزمەتلەرنى بىرلىكتە تۇتۇش نەتىجىسىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى. جايلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى ئەلالاشتۇرۇپ سەپلەشكە توغرا كەلدى. مەملىكەت بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىدىن 255 مىڭ ئەترەتنى تەشكىللەپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جەمئىي 2 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق كادىرلىرىنى نامرات كەنت ۋە چېچىلاڭغۇ كەنتلەرگە 1- شۇجىلىق ياكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلىققا تەيىنلەپ ئەۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جېڭىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ۋە ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغاندۇر. يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئاستىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئائىت خىزمەتلەر يەنە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە، جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، يەنە ئەڭ ئاخىرقى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى جەڭدە غەلىبە قىلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە چوقۇم خىزمەتلەرنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى داۋاملىق مەشىق قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىنىڭ تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەتنىڭ چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى پارتىيە ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

  پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چىڭ تۇتۇشتا، بىزدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمدە يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش شارائىتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئۇنى قانۇنىيەتلىك تونۇشقا كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش شارائىتىدا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئاشكارىلانغان كەمچىللىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، قوشۇننى تەربىيەلەپ، ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن ئاساسىي قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇنىڭ مەزمۇنى بولسا، يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلىي قاپلاش ۋە خىزمەت قاپلاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىش؛ يېزا-بازار رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ