مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئىسسىق يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى تەجرىبە رېئاكتورى پىلانىدىكى چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2020.07.29 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئىسسىق يادرو بىرىكىش تەجرىبە رېئاكتورى پىلانىدىكى چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى فىرانسىيەدىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش ئورگىنىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىلىم-پەننىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى بولمايدۇ. خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا ئىسسىق يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى تەجرىبە رېئاكتورى پىلانى ئىنسانلارنىڭ يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرى ئېغىر يۈكنى قەيسەرلىك بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقئارا بىلەن بىرگە مېڭىپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئۈچۈن، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى پائال ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇش ئىلىم-پەننىڭ ئالدىنقى سېپى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، يەر شارى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا قىلغان كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئىنسانلار ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشكە ئېھتىياجلىق بولدى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن پەن تەتقىقات ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، زور ھالقىلىق پەن-تېخنىكا ۋە تېخنىكىلاردا بىرلىكتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  خەلقئارا ئىسسىق يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى تەجرىبە رېئاكتورى پىلانى بۈگۈنكى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر خەلقئارا زور ئىلىم-پەن قۇرۇلۇشى، ئېلىمىز 2006-يىلى بۇ پىلانغا رەسمىي ئىمزا قويۇپ قاتناشقان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ