مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالاھىدە ئوردېن

2020.07.27 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى ئەڭ ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى خاتىرجەم قىلىدۇ، ھەمدە ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ.

  كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش جەڭ مەيدانىدا، تاۋلىنىپ چىقىدىغىنى سادىقلىق ۋە ئېتىقادتۇر. پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا، بۇيرۇق چۈشۈرۈلسىلا، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدۇ، ئۇلار ئىسسىق قېنى ياكى ھاياتىنى تەقدىم قىلسىمۇ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىدۇ. ھەربىيلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئاساسىي مەقسىتى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر، خەتەرلىك پەيتتە ئەڭ جاراڭلىق قەسەم ۋە ئەڭ قورقماس ھەرىكەت بىلەن ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقلىقىنى يازىدۇ.

  كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش جەڭ مەيدانىدا، شەرھلىنىدىغىنى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشتۇر. كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر نېمىشقا يامغۇرلۇق كىيىم كىيمەيدۇ؟ نېمىشقا پاتقاقتا ئۇخلايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار ھەر ۋاقىت ئاتاكىغا ئۆتۈش ھالىتىنى ساقلاپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى كېرەك. تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ چىرىپ تېرە تاشلاپ تۇرسىمۇ، پۇت-قوللىرى سۈركىلىپ قان پۈۋەكچىلىرى چىقىپ كەتسىمۇ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر چىشىنى چىشلەپ، يەنە داۋاملىق جەڭگە قاتنىشىدۇ. ئۇلار بۇنى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى «ئوردېن»دۇر، دەپ قارايدۇ ! ئارمىيە ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار ھالەتتە تۇرۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ جەڭ قىلالىشى، ھەمدە جەڭدە غەلىبە قىلالىشى كېرەك !

  كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش جەڭ مەيدانىدا، ۋارىسلىق قىلىنىدىغىنى قىزىل قان تومۇرىدۇر. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قايتا-قايتا ئالمىشىپ تۇرسىمۇ، ئۇلاردىكى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىزىل گېنلار يېڭى دەۋردە جۇش ئۇرۇپ جانلىنىپ تۇرىدۇ. تەبىئىي ئاپەت ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئۇلار جەڭ قىلغانسېرى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، ھەمدە بارغانسېرى كۈچلىنىپ باردى، چۈنكى، ئۇ قىزىل گېنلار ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ قان تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. «90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» ۋە «2000- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىپادىسىدىن بىز شۇنى كۆردۇقكى، قىسىمنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىۋىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى مۇشۇ قېتىمقى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش جېڭىدە جارى قىلدۇرۇلدى ۋە يۈكسەلدى .

  خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق جەڭگە ئاتلىنىشى جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلدى، ھەمدە جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ ئىستىلىنى نامايەن قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن يەنە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشقىچە، ئاندىن يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە، خەلق ئارمىيىسى تۆھپە قوشۇش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پارتىيە ۋە خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇش، دۆلەت ۋە مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتەك خىسلىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق ئارمىيىسى باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىشكە بولىدىغان قەھرىمان ئارمىيەدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ