مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 3- قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :

ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، راستچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى

2020.07.24 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، گوۋۇيۈەن 3- قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت كومىسسارى شياۋ جيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھۆكۈمەت سىستېمىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. لېكىن يەنىلا مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا، شۇنىڭ ئۈچۈن، خىزمەتلەرنى يەنىلا ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  لى كېچياڭ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مىسلى كۆرۈلمىگەن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش ۋە ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەيتىپ، راستچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەمدۇر، ھەمدە ئەمىر-پەرمانلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىنتىزام تەلىپىدۇر.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ