مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تەربىيەلەپ، كەڭ پىيونېرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارى بولۇشقا يېتەكلەش لازىم

ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

2020.07.24 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خېتى

  جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! كەڭ پىيونېرلار ئەترىتى ئەزالىرى، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

  پىيونېرلار ئەترىتى سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇشنىڭ زاپاس قوشۇنى. كەڭ پىيونېرلار ئەترىتى ئەزالىرى پىيونېرلار ئەترىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەكتەپتە ئىرادە تىكلەپ، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، جۇشقۇن روھنى نامايان قىلدى. يېڭى دەۋردە پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋرگە ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىپ، كەڭ ئەترەت ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ تۆھپە يارىتىپ، قىزىل گالىستۇكقا يېڭى دەۋر شەرىپى قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ

  2020-يىل 7-ئاينىڭ 23–كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيى 23-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، كەڭ پىيونېرلار ئەترىتى ئەزالىرى، ئەترەت يېتەكچىلىرى، ئەترەت خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پىيونېرلار ئەترىتى سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇشنىڭ زاپاس ئەترىتى. كەڭ ئەترەت ئەزالىرى پىيونېرلار ئەترىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەكتەپتە ئىرادە تىكلەپ، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، جۇشقۇن روھىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە، پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋرگە ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىپ، كەڭ پىيونېرلار ئەترىتى ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ تۆھپە يارىتىپ، قىزىل گالىستۇكقا يېڭى دەۋر شەرىپى قوشۇشى كېرەك. (تەبرىك خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم تارقىتىلدى)

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ