مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساختا پۇل مۇئامىلە ئەپ دېتاللىرىدىن يىراق تۇرۇڭ

2020.07.27 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مۇلازىمىتىنىڭ كۈنسېرى يان تېلېفون تېرمىنالىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇل مۇئامىلە ئەپ دېتاللىرى نۇرغۇن ئابونتلارنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى بېجىرىشىدىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالدى. ھازىر پۇل يۆتكەش، قەرز ئېلىش، قەرز قايتۇرۇش، چىقىم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى پۇل مۇئامىلە ئەپ دېتاللىرى ئارقىلىق ئاسانلا ئورۇندىغىلى بولىدۇ، لېكىن بۇمۇ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. ساختا پۇل مۇئامىلە ئەپ دېتاللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ئابونتلارنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  يېقىندا، جېجياڭ ساقچى تەرەپ ساختا ئەپ دېتاللىرى جىنايىتىنى قانۇنسىز قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈچ شايكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، 10 نەچچە گۇماندارنى قولغا چۈشۈردى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى گۇماندارلار بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ، ساختا ئەپ دېتاللىرى ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق نەچچە ئون مىليون ئۇچۇر يوللىغان، جىنايەت گۇماندارلىرى ساختا ئەپ دېتاللىرىنى چۈشۈرۈش قىسقا ئۇلانمىسىنى قىسقا ئۇچۇرغا كىرگۈزۈپ، ئابونتلارنى چېكىپ چۈشۈرۈشكە قىزىقتۇرغان، ئاندىن تەننەرخ ھەققى، توڭلىتىشنى بىكار قىلىش ھەققى، كاپالەت پۇلى، كېپىللىك پۇلى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلغان.

  بۇ خىل ئالدامچىلىق قىلمىشىنىڭ ئادەتتىكى ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ تور ئابونتلىرىنى ئالداش جەريانى ئاساسلىقى ئۈچ قەدەم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن:

  بىرىنچى قەدەمدە، چۈشۈرۈشكە قىزىقتۇرۇش. ئالدامچىلار ساختا ئاساسىي پونكىتتىن پايدىلىنىپ ئورگان تەرەپ نومۇرىغا تەقلىد قىلىپ، ئابونتلارغا تىزىملىتىش ئۇلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرىنى يوللايدىكەن، ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت، بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئابونتلار مۇلازىمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالداپ، ساختا ئەپ دېتاللىرىنى چۈشۈرگۈزىدىكەن.

  ئىككىنچى قەدەمدە ئالدامچىلىق قىلىش. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ساختا ئەپ دېتاللىرىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئالدامچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى ئېنىقلاش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش قاتارلىق ناملار بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇرى قاتارلىقلارنى ئالداپ ئېلىۋالىدىكەن ياكى ئاتالمىش تەننەرخ ھەققى، توڭلىتىشنى بىكار قىلىش ھەققى، كاپالەت پۇلى، كېپىللىك پۇلى قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى مەلۇم ھېسابات نومۇرىغا پۇل يۆتكەشكە ئازدۇرىدىكەن.

  ئۈچىنچى قەدەمدە، ئالداپ ئېلىۋېلىش. ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى قالدۇقنى بىۋاسىتە يۆتكەپ كېتىدىكەن ياكى ئاتالمىش تەننەرخ ھەققى، توڭلىتىشنى بىكار قىلىش ھەققى، كاپالەت پۇلى، كېپىللىك پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپپاراتلار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىشىدىن سىرت، ئابونتلارمۇ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىشى، پۇل مۇئامىلە ئەپ دېتاللىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:

  بىرىنچى، مۇنتىزىم تور قەرز پۇل سۇپىلىرى ئىناۋەت تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەرقانداق ھەق ئالمايدۇ، ئاتالمىش مۇناسىۋەتلىك ئىسپات بېرىش پۇلى، توختامنى ئىجرا قىلىش سۇغۇرتا ھەققى، كاپالەت پۇلى، بانكا كارتىسى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلارنىڭ باھانىسى.

  ئىككىنچى، مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىلىرىنىڭ ئابونتلار مۇلازىمەتچىلىرى ئورگان تەرەپنىڭ بولمىغان يوللار (شەخسىي ئۈندىدار، شەخسىي QQ نومۇرى) ئارقىلىق ئابونتلار بىلەن ئالاقىلاشمايدۇ، شۇنداقلا ئابونتلاردىن شەخسىي ئۇچۇر ۋە دەلىللەش نومۇرىنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئورگان تەرەپنىڭ بولمىغان ئابونتلار مۇلازىمەتچىسى ئالاقىلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، ناتونۇش شەخسىي ھېساباتقا پۇل يۆتكىمەسلىك لازىم.

  ئۈچىنچى، ئەپ دېتاللىرىنى چۈشۈرگەندە چوقۇم مۇنتىزىم ئورگان تەرەپ يۇمشاق دېتالىنى تاللاش كېرەك، چوقۇم مۇنتىزىم ئەپ دېتال سۇپىسىدىن چۈشۈرۈش، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئەپ دېتال تەمىنلىگۈچى، ئۇلىنىش ۋە ئىككى ئۆلچەملىك كودنى چېكىپ يۇمشاق دېتال چۈشۈرمەسلىك كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ