مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەسىلە ھەل قىلمايدىغان يىغىننى ئاچماسلىق لازىم

2020.07.28 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغان يىغىننى ئاچماسلىق، يۈكنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش، ھەقىقىي يۈكنى يېنىكلىتىش لازىم»، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ھۆججەت-يىغىن دېڭىزىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يىغىن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  تۈرلۈك يىغىنلار بىلەن ئالدىراش بولۇش − ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئېغىر يۈكىگە ئايلىنىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەسىلەن، بەزى جايلاردا مەيلى ئىش چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك ئىش بولسۇن، باش تېما بىلەن ئازراق مۇناسىۋىتى بار ئورۇن بولسىلا، يىغىنغا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بىر ھەپتىدە 16 قېتىم يىغىن ئېچىلغان، ھەتتا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى يىغىنغا قاتنىشىش كېرەك بولۇپ، «ئۆزىنى ئىككىگە پارچىلاش»قا تاس قالغان؛ بىراق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بەزى خىزمەتلەر توغرىسىدا پەقەت يۈزەكى ئىپادە بىلدۈرۈلۈپ، ئەھمىيىتى كۆپ سۆزلەنگەن، تەدبىرلەر ئاز تىلغا ئېلىنغان ياكى ۋەزىپىنى ئاددىيلا تەقسىم قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىنمىغان. نەتىجىدە يىغىن ئارقىلىق يىغىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، خىزمەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن.

  نېمە ئۈچۈن ھۆججەت تاغلىرى ۋە يىغىن دېڭىزى ھادىسىسىنى تۈزەش كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ؟ بۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا بەزى رەھبىرىي كادىرلاردىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىدىيەسىنىڭ قۇترىشى بولۇپ، يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئادەتلەنگەن تەپەككۇردىن باشتىن-ئاخىر قۇتۇلالمىغانلىقىدا. بەزىلەر يىغىن ئاچمىسا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى ئىپادىلەنمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزىلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش چارىسى كۆپ ئەمەس بولۇپ، ۋەزىپە بولسىلا، بىرىنچى ئىنكاسى دەل «يىغىن ئېچىپ يەتكۈزۈش» بولىدۇ. بۇنداق تەپەككۇر ئادىتى بار كىشىلەر يىغىن ئېچىشنىڭ ئۆزى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولۇپ، ھۆججەتنى ئوقۇپ بولسىلا خىزمەت ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىي ئۈنۈمى قانداق بولغانلىقىنى كېلەر قېتىم يىغىن ئېچىپ خۇلاسە قىلىدۇ.

  يىغىن − خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، يىغىن ئارقىلىق يۇقىرىنىڭ يوليورۇقى روھىنى يەتكۈزۈش، ئومۇميۈزلۈك تەلەپ بىلەن كونكرېت خىزمەتنى قانداق بىرلەشتۈرۈش، قايسى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ناھايىتى زۆرۈر. نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يىغىن ئېچىشتىن ئەمەس، بەلكى «يىغىنغا ھەمراھ بولۇش»تىن قورقىدىكەن، يىغىن ئارقىلىق يىغىننى يەتكۈزۈش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئومۇمەن يىرىك بولۇش، قاراتمىلىقى، يېتەكچىلىك كەمچىل بولۇشتىن تېخىمۇ قورقىدىكەن.

  يىغىن پەقەت ۋاسىتە، يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ماھىيىتى − خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر، ھەرگىز باش-ئايىغىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئاقىلانىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش، ئومۇملاشتۇرۇپ دەڭسەپ كۆرۈش كېرەك، ئەگەر تېلېفون، خەت-ئالاقە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولسا، ئىشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي ھەممىسىگە يىغىن ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر ھەقىقەتەنمۇ يىغىن ئېچىشقا توغرا كەلسە، يىغىن دائىرىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زۆرۈر بولمىغان «ھەمراھ بولىدىغان يىغىن»نى ئازايتىش، يىغىن ۋاقتىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك. خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ يىغىننىڭ سانى، كۆلىمى ۋە ۋاقتىنىڭ ئۇزاقلىقى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، مۇھىمى «بىر ۋەزىپىنى ئاخىرىغىچە تاماملاش»قا پايدىلىق بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش لازىم.

  يىغىن يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىشتە، يىغىن سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا چاقىرغۇچىلار يۇقىرىنىڭ يوليورۇقى روھىنى تولۇق چۈشىنىپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، يىغىننىڭ باش تېمىسى، قارالمىلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا يىغىنغا قاتنىشىش ئوبيېكتلىرىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. بۇنداق يىغىن ھەم يۇقىرىغا پايدىلىق، ھەم تۆۋەنگە يېقىشلىق بولۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ