مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتايلى

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.07.27 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، پۈتكۈل يەر شارىدا يۇقۇم ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولماقتا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش ھەر خىل خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزنىڭ ئاچقۇچى.

  يېقىندا ئېچىلغان كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قورۇقچىلىق ئۆرلەۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، يەر شارى بازىرى ئاستىلىشىپ قېلىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بىز چوقۇم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ۋە يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بازار ۋە بايلىقنىڭ «ھەر ئىككىسىنىڭ سىرتتا بولۇشى» ئېلىمىزنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ھازىر يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە دۇنيا چوڭقۇر ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىغا دۇچ كەلمەكتە، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىمۇ قايتما دولقۇنغا دۇچ كەلمەكتە. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە خېلى ئۇزاق ۋاقىت تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ شۇكى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ۋە قاندۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسى قىلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بولسىمۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ ئېھتىياجى، ھەم شۇنداقلا خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىدىن ئىبارەت ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇشتۇر.

  چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئەۋزەللىكى بولسا، ئىچكى قىسىمدا ئايلىنىشتۇر. ئېلىمىز پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل ۋە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان سانائەت سىستېمىسىغا، كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ۋە مۇكەممەل يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئېلىمىزدە ھازىر 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى بار، ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان ياكى تۈرلۈك كەسپىي ماھارەتكە ئىگە بولغان 170 مىليوندىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلار بار، يەنە 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىدىن تەكىب تاپقان زور كۆلەملىك ئىچكى ئېھتىياج بازىرى بار، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. بىز ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات ۋە ئوبوروت ھالقىلىرىدا ئىچكى بازارغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي تەمىنات ۋە ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە دىنامىكىلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك؛ ھەمدە مۇكەممەل بولغان ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ھاياتلىق ساغلاملىقى ۋە يېڭى ماتېرىياللار قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەندۈرمە كەسىپلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئالغا ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ھالدا بىزنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى تېخىمۇ چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇكى، ئۇ تاقىۋېتىلمەيدۇ، دېگەن ئىدى. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ يېپىق ھالەتتە ھەرىكەت قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئىچكى-تاشقى ئىككى بازاردىن ۋە ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر.

  جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىختا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن ئەزەلدىن تارمار بولۇپ كەتمىگەن، ئەكسىچە قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇر بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى، كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ۋە مول ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى بولغاچقا، ھەمدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ھەقىقىي ئىرادىسى بولغاچقا، بىز چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق باشلىيالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ