مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم ۋەزىپە، مۇھىم تۈر، مۇھىم سىياسەتلەرنى تېخىمۇ گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، بېيجىڭ- تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2020.07.29 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 28-ئىيۇل بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىلىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، بىر پىلاننى ئاخىرىغىچە يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا نۇقتىلىق ۋەزىپە، مۇھىم تۈر، مۇھىم سىياسەتلەرنى تېخىمۇ گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش كېرەك. چوڭ-چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈر زاپاس ئامبىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە تولۇقلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مۇھىم ئامىللار تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش» تا چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، «ئوربىتىدىكى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي» بەرپا قىلىش لازىم.

  بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ، فۇنكسىيەنى تارقاقلاشتۇرۇش چوڭ يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەنى تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يېتەكلەش ۋە قىستاش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ بېيجىڭ، تيەنجىنلەردىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ، داۋالاش بايلىقىنىڭ خېبېيغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، خەلق ئاممىسىنى ماس تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمان قىلىش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىككى چاق قىلىپ، مەزمۇندا تۈجۈپىلەپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى يولىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر بىر ۋەزىپىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ