مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورى: مۇھىت بوشلۇقىنى تۈزەش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2020.07.28 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تاغ، سۇ، ئورمان، كۆل، ئوت-چۆپلەر سىستېمىسىنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايون كەسپىنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» يېقىندا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تولۇق دەۋرىيلىك باشقۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تەدبىر ئېلىمىزنىڭ مۇھىت بوشلۇقىنى تۈزەش قائىدىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

  زامانىۋى مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىدا بوشلۇقنى تۈزەش مېخانىزمىنى كۆپەيتىشنىڭ مەقسىتى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ۋە يوچۇقنى توسۇشتىن ئىبارەت. مۇھىت ئامىلىنى ئوبيېكت قىلىپ، تۈزەش قائىدىسىنى ئايرىم-ئايرىم تۈزۈشنىڭ قانۇن چىقىرىش پىكىر يولى ئاستىدا، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئالاقىدار نۇرغۇن قانۇن-نىزاملار ۋە قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقتى. مۇھىت بوشلۇقىنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش بولسا، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ھەم ئۇنىڭ تەبىئىي خاسلىقى ۋە ئىجتىمائىي خاسلىققا ئىگە ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى سۇ، تۇپراق ۋە ئاتموسفېرا قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن تەبىئىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇھىتقا دائىر قانۇن-نىزاملار ئاساسلىقى دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىدىكى بىرلا خىل ۋە كونكرېت مۇھىت ئامىلىنى تۈزەشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما ھەر خىل ئامىللار گىرەلىشىپ شەكىللەنگەن ستاتىك تەرتىپ ۋە ھەرىكەت ھالىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇ خىل تۈزەش قائىدىسى بىلەن ناھايىتى ئاز تەمىنلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، زېمىن بوشلۇقى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە. دۆلەت يەنە زېمىن بوشلۇقىنىڭ ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك كۆپ قاتلاملىق قىممىتى ئاساسىدا، ھەمدە بوشلۇقنىڭ ئىقتىدارى ۋە قىممەت پەرقىگە ئاساسەن، ئۇنى شەھەر بوشلۇقى، يېزا ئىگىلىك بوشلۇقى، ئېكولوگىيە بوشلۇقى ۋە باشقا بوشلۇقلار، دەپ ئايرىغان. بۇلار ئوخشاش بولمىغان بوشلۇقلارنى ئىدارە قىلىشنى بەلگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، بوشلۇق بىرلىكىنىڭ ئىجتىمائىي خۇسۇسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇناسىپ ھالدا ئۆلچەم تۈزۈش كېرەك. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېكولوگىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساسىي ئىقتىدار قىلغان دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئۈچۈن مەخسۇس بوشلۇق تۈزەش مېخانىزمى ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

  «تاخ، سۇ، ئورمان، كۆل، ئوت-چۆپلەر ھاياتلىقنىڭ ئورتاق گەۋدىسىدۇر» دەيدىغان بۇ مۇھىم ھۆكۈم ئۆز نۆۋىتىدە بوشلۇقنى تۈزەش قائىدىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئاساس ۋە پىرىنسىپ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى يېتەكچى قىلىپ، بىر تەرەپتىن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇھىت ئاسراش يەككە قانۇنىنى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىپ، يەككە قانۇننىڭ پەقەت بىرلا خىل مۇھىت ئامىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشىدەك يېتەرسىزلىكىنى تۈزەپ، يەككە قانۇن ئۈچۈن ئىچكى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىر تۈزۈلۈۋاتقان تەبىئىي قوغدىلىدىغان جايلارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا، مەسىلەن، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى قانۇنى، دۆلەت باغچىسى قانۇنى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نىزامى قاتارلىقلاردا، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ قىممەت ئورنى كونكرېت مەزمۇن قاتلىمى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە بوشلۇق قۇرۇلمىسىدا گەۋدىلەندۈرۈلۈشى كېرەك. سىستېما ۋە بىر پۈتۈن كۆز قاراشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن مۇھىت بوشلۇقىنى تۈزەشنىڭ قائىدە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  مۇھىت بوشلۇقىنى تۈزەش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋى مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تېما ۋە ۋەزىپىدۇر. مۇناسىپ تۈزۈم قائىدىسى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز مۇھىتنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بىز چوقۇم يېشىللىقنى ساقلاپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ