مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم

2020.07.29 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تۈزۈم ___ تۈپلۈك، ئومۇمىيلىق، مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيە ۋە خەلق ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى بولۇپ، دۆلىتىمىزنى ئىدارە قىلىشتىكى بارلىق خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  دۇنيادا ھەممە يەرگە باب كېلىدىغان سىياسىي تەرەققىيات ئەندىزىسى يوق، ئۆزگەرمەس سىياسىي تەرەققىيات يولىمۇ يوق. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش − يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرىشىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىدە چىڭ تۇرۇش ___ پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىنىڭ ھەم ئىلمىي يېتەكچى ئىدىيەسى، ھەم پۇختا تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بار.

  يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كېلىشى خەلقنىڭ غوجايىن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل ئىزدىنىپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئورناتتى.

  پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق غوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيە رەھبەرلىكى ___ خەلقنىڭ غوجايىن بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلق غوجايىن بولۇش − سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇلى. بۇ ئۈچى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىدۇر. پارتىيە ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، ئوقۇغۇچىلار، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، مەركەز ھەممىسىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  پارتىيەمىز خەلقتىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان. جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش − پارتىيەمىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىدۇر. پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ خەلقنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى دەل خەلق غوجايىن بولۇشتۇر. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ غوجايىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بىز تۈپ سىياسىي تۈزۈم، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىز قەتئىي بوشاشماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق غوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇقىم سىياسىي مۇھىت ۋە كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ