مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5- نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سەھنىگە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2020.07.29 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئىيۇل ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5-نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنى ۋىدىيو يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە زورايغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سەھنىگە ئايلىنىشى كېرەك؛ ھەر قايسى ئەزالار دىققىتىنى ئورتاق تەرەققىياتقا قارىتىپ، دادىللىق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى يەر شارىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىچە تەرەققىيات ئەمەلىي سەھنىسى، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭىچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئاپپاراتى ۋە خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى لازىم. جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، تەڭ ئۇتۇق قازىنىش روھى بويىچە، ھەر قايسى ئەزالار بىلەن بىرلىكتە، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى داۋاملىق قوللاپ ۋە ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خېيىم-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەن جۇڭگوغا ۋاكالىتەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇپ، ئاسىيا رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردىم. ئىشقا كىرىشكەن تۆت يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى خەلقئارالىشىش، قېلىپلىشىش، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەزالىرى دەسلەپكى 57 قۇرغۇچى ئەزادىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندىكى ئالتە چوڭ قىتئەدىن بولغان 102 ئەزاغا يەتتى، دوستلار چەمبىرى بارغانسېرى كېڭەيدى، ياخشى ھەمراھلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەمكارلىق سۈپىتى بارغانسېرى ئۆستى، كەسىپ، يۇقىرى ئۈنۈم، پاكلىققا ئىگە بولغان يېڭى كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يىپيېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى-ئىنسانىيەتنىڭ بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكى، پەقەت ئۆز ئارا قوللىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان توغرا يولنى ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدا پەيدا بولغان زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم، تېخىمۇ ئىجابىي بولغان رايون ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى-ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سەھنىگە ئايلىنىشى لازىم.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ