شى جىنپىڭ 13-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، جياڭسۇ ئۆلكىسى كەسپلەر تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىكى تېخنىك خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 14-دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات يېڭى دائىمىي ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا پائال ماسلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى