خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) شىنجاڭ «دىننار» بىئو پەن – تېخنىكا چەكلىك شېركىتى 15 – دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسى فۇكاڭ كوچىسى شىمالىي مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش 1 – سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ۋە كومىتېتقا تەۋە رايوندىكى 20 نەپەر ئىقتىسادى قىيىن، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئېلىۋاتقان ئاھالىلەرنى 5 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە 15 مىڭ يۈەنلىك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن يوقلىدى.
سۈرەتتە: شېركەت خادىمى قەلبىنۇر خېنىم ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلارغا ھال سوراش بۇيۇمى بەرمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى