خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ نەشىر ئەبكارى بولغان «تەڭرىتاغ» تورى ئۇيۇشتۇرغان 2 – نۆۋەتلىك «مۇنەۋۋەر ئانا، مۇنەۋۋەر ئاتا» لارنى توردا باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 15 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. رەيھان قاسىم، يۇنۇس روزى قاتارلىق 30 مۇنەۋۋەر ئانا، ئاتا ۋە تۆھپىكار ئانا مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: مۇكاپاتلانغان مۇنەۋۋەر ئانىلار
مەنبە: خەلق تورى