خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ھەربىي رايونى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ھەربىي رايون قىسىملىرىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئارمىيەدىكى بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى دەۋر قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش لازىم.
مەنبە: خەلق تورى