ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، مائارىپ نازارىتى، سانجى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىرلىكتە تەشكىللىگەن، سانجى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن 2013 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (شىمالىي شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى) ۋە مەكتەپلەر پۇتبول پائالىيىتى 29 – ئىيۇل سانجى شەھىرىدە باشلاندى. 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ مۇسابىقىگە شىمالىي شىنجاڭ رايونى بويىچە 12 مەكتەپ كوماندىسى قىز، ئوغۇللار ئايرىمىسى بويىچە قاتناشتى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى؛ فوتوسى)