باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېڭگې لى x قاتارلىقلارنىڭ باسقۇنچىلىققا چېتىلىش دېلوسىنى ئوچۇق سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى

2013.07.29 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بېيجىڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مېڭگې ئائىلىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ئادوۋكات لەن خې مىكروبلوگ ۋە ئۈندىداردا مىڭگې ئىمزا قويغان يازما ئىلتىماسنى ئېلان قىلىپ، لى xx قاتارلىقلارنىڭ باسقۇنچىلىققا چېتىلىش دېلوسىنى ئوچۇق سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى.

  1. ئوچۇق سوت قىلىش-قىلماسلىقتا لى ئائىلىسىنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس

  بۇنىڭغا قارىتا، مۇشۇ دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئادۋوكاتى تيەن سەنجۈن مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى يەشمىسىدە، جاۋابكار 18 ياشقا توشمىغان دېلولارنى سوت ئېچىپ قاراپ چىققاندا، ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ دېلودا قۇرامىغا يەتمىگەن كىشى پەقەت لى x لا ئەمەس، بۇنىڭدىن تاشقىرى بۇ دېلودىكى باسقۇنچىلىق قىلمىشى شەخىسنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاقىلىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياڭ خېنىمنى قوغداش نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندىمۇ، بۇ دېلو قانۇندا ئوچۇق سوت قىلمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن دېلولار دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، لى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىلتىماسى سوتنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل