خەلق تورىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، يەنئەندىكى قارا يامغۇر سەۋەبىدىن ئەڭ ئېغىر ئاپەت يەتكەن يەنچۇەن ناھىيەسىدە جەمئىي 38مىڭ ئادەمنى ئۆي-زېمىنلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ، لېكىن يېقىندا يەنئەندە يەنە كۈچلۈك يامغۇر ياغىدىغان بولغاچقا، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئادەمنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن.
27-ئىيۇلغا قەدەر، يەنچۇەن ناھىيەسىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى 608 مېللىمېتىرغا يېتىپ، ئۆتكەنكى يىلارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىنىڭ 7 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. ناھىيە بويىچە جەمئىي 124مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، 86مىڭ ئادەم جىددىي كۆچۈرۈلدى. يەنچۇەن ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر چېدىر، يوللۇق سۇلياۋ ياپقۇچ، ئادەتتىكى سۇلياۋ ياپقۇچ، كارىۋات قاتارلىق بۇيۇملار ئىنتايىن كەمچىل ئىكەن.