خەلق تورىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سچۈەن ئۆلكىسى سۈينىڭ شەھىرى ئۆلۈك دېڭىز مەنزىرە رايونىدىكى دولقۇن تېيىلىش كۆلچىكىدە نۇرغۇن ساياھەتچى دولقۇن مەۋجىدىن ھوزۇرلانماقتا. نەچچە كۈندىن بېرى سچۇەن ئويمانلىقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ، شۇيەرنىڭ شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38 سېلسىيە گرادۇسقا چىقىپ، چىدىغۇسىز دىمىق بولۇپ كەتتى. ئېگىلىنىشىچە شۇ كۈنى 15مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى جۇڭگونىڭ ئۆلۈك دېڭىز مەنزىرە رايونىغا كېلىپ سالقىن دولقۇننىڭ ھوزۇرىنى سۈردى. مەنزىرە رايونىدىكىلەر ساياھەت رايونىنىڭ باشقۇرۇشى بىخەتەر، تەرتىپلىك، كونتروللۇق بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كونترول قىلىش دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.