خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-مارت چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى،دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ ئەزالارنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئەزالارنى يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى