نۆۋەتتە، ئانا-بالا ئىككىسى بىلەن يېزىدىكى ئۆيىدىن تېھراندىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ-كېلىپ ، بىر قانچە قېتىملىق ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ، يەنە تېخىمۇ كۆپ داۋالاشقا موھتاج ئىكەن . دوختۇر ئانىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، قىزىنىڭ چىرايىنى تۈزەشنى ئۈمىد قىلىدىكەن .
بىراق ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ھەققانىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىكى يەنىلا بىر مەسىلە . ئىسلامنىڭ ‹‹كۆز قۇيغاننىڭ كۆزىنى قۇي ›› ( قانغا قان ، جانغا جان ) دېگەن جازا نىزامى بويىچە ، سومەييەھنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار ھەم سۇلفۇرىك كىسلاتا بىلەن ئېرىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ ، ئۇنىڭ چىرايىنى بۇزۇپ ، كۆزىنى قارىغۇ قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. ھالبۇكى ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئاجرىشىشىنى ئارقىغا سۆرەپ تېخىچە تەستىق سالمايۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەھشىي ئېرى بۇلتۇر كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ ، تۈرمىدىن چىققان . سومەييەھنىڭ دېيىشىچە ، تۈرمىدىن چىققان ئېرى ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان .