- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى 4-تۈرمىدە 9-نۆۋەتلىك قار ـ مۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
2013.01.25 15:17 مەنبە: خەلق تورى
 |
مۇزدىن ياسالغان ئەسەر.
|
22-يانۋار، شىنجاڭدىكى 4-تۈرمىدە 9-نۆۋەتلىك قار ـ مۇز بايرىمى باشلاندى.
بۇ قېتىمقى قار ـ مۇز بايرىمىنى شىنجاڭ 4-تۈرمە باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ تۈرمىدىكى 32 نەپەر خەلق ساقچىسى ۋە 426 نەپەر جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان مەھبۇسلار 49 كۈن سەرپ قىلىپ 39 گۇرۇپپا قار ـ مۇز ئويمىلىرى، 66 دانە تۈرلۈك گۈللۈك چىراغلارنى ياسىغان.
شىنجاڭ 4-تۈرمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئول كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق قار مۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسىي مەقسەت بايرام كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلارنىڭ بايرامدىكى مەدەنىي تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇش شۇنداقلا مەھبۇسلارنىڭ قار ـ مۇز ئويمىچىلىقى، گۈللۈك چىراغ ياساش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، كەلگۈسىدىكى تىرىكچىلىكىگە ياخشى ئاساس سېلىش ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە