باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاچچىق يېزىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

2016.06.30 15:00   مەنبە: خەلق تورى

ئاچچىق يېزىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار دېھقان-چارۋىچىلارغا ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىپلا قالماستىن، خىزمەتلەرنى ئىجابىي قانات يايدۇرۇپ، «زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش» ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ئۆزلىرىنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل كۇرۇسلارنى ئېچىپ، دېھقان-چارۋىچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى چۈشكەن كەنتلەردە ناغرا ئاۋازى قايتا ياڭراپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ روھى كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  يوپۇغىدا قايتا ياڭرىغان ناغرا ئاۋازى

  بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە يوپۇغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 200 كىشىلىك ناغرا ئاۋازى بىلەن باشلىنىپ، باشلىنىش مۇراسىمىنى باشقىچە جانلاندۇرۇۋەتتى ھەم بۇ ناھىيەدە چېلىنمىغىنىغا ئۇزاق يىل بولغان ناغرا قايتىدىن ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەلىب تارىنى چەكتى.

  يوپۇغا ناھىيەسى ئاچچىق يېزىسىنىڭ ناغرا چالدى كەنتىدە ئەلمىساقتىن ناغرا ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە بۇ كەنتتە ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان. شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن ناغرا چالدى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى قېزىپ چىقىپ، يوپۇغا ناھىيەسىدە قايتىدىن ناغرا ئاۋازىنى ياڭراتتى. دەسلەپتە ئۇلار كەنتتىكى مەدەنىيەت قابىللىرىنى قېزىپ، ناغرا چالىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى يىغسا 40 ئادەم چىققانىدى، ھازىر بۇ ناغرا چېلىش گۇرۇپپىسى تەرەققىي قىلىپ 200 ئادەمدىن ئاشتى. بۇ يىل چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئويۇن قويۇش ئەترىتى تەشكىللەپ يېزا-كەنت، ناھىيەدە 30 مەيدان ئويۇن قويدى. ئۇلار يەنە يوپۇغىدىن چىقىپ ئويۇن قويۇش ئارقىلىق 200 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ناغرا ئاۋازىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ياڭراتماقچى بولدى.

  ھازىر بۇ ناھىيە، يېزىلاردا قانداق بىر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولسا، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ناغرا بىلەن باشلىنىدىغان بولدى.

  ئاچچىق يېزىسى ناغراچالدى كەنتىنىڭ ئىمامى كېرەمجان ئابدۇرېشىت 4-ئەۋلاد ناغرىچى، ئۇنىڭ ئائىلىسى پۈتۈن كەنت بويىچە ناغرا چېلىش تارىخى ئەڭ ئۇزاق ئائىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان ناغرىسى تەخمىنەن 150 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. چوڭ بوۋىسى غوپۇرئەمەت شەيخ ئۇل زامانەمدە ئوردىخېنىم پاشايىمدا ناغرا چالاتتىكەن، ئۇ ئادەم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن چوڭ دادىسى چالغان ئىكەن. كىرەمجان ئابدۇرېشىت يۇرتداشلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان ناغرىچىلار ئەترىتىگە قاتناشتى. 20 يىل چالماي تاشلىنىپ قالغان ناغرىنى قايتىدىن چالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇش بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ناغرا چىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان تەۋەررۈك كەسىپنىڭ ئۆزى بىلەن تۈگەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوغلى ئابلىكىم كېرەمگىمۇ ناغرا چېلىشنى ئۆگەتتى. ئوغلىمۇ تىرىشىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، 5-ئەۋلاد ناغرىچى بولۇشقا بەل باغلىدى.

  يار بويى كەنتىدىكى بالىلارنىڭ خۇشاللىقى

  شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاچچىق يېزىسى يار بويى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بالىلارنىڭ بالىلار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، بايرامدا بالىلارغا ئەھمىيەتلىك بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. پائالىيەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاچچىق يېزا يار بويى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە 20 كومپيۇتېر، يەتتە ئېلېكتىرونلۇق رويال، مەكتەپ فورمىسى، ئاياغ، سومكا قاتارلىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى. پائالىيەت تۈگىگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر بىلەن ئېلېكتىرونلۇق روياللارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئۆز قولى بىلەن قوراشتۇرۇپ بەردى. مەكتەپنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىپ، كومپىيوتېر مەشغۇلات ئۆيى، ئېلېكتىرونلۇق رويال دەرىسخانىسى بار بولدى. ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېر دەرسى، ئېلېكتىرونلۇق رويال دەرسى ئۆگىنەلەيدىغان شارائىتقا ئېرىشتى.

  جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىشى ئاساسىي شەرتلەرگە ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، يىراق يېزا - كەنتلەردىكى بالىلار ئۈچۈن كومپيۇتېر يەنە بىر سىرلىق نەرسە ئىدى. ئۇلار پەقەت تېلېۋىزوردىنلا كومپيۇتېرنى كۆرۈپ باققان، شۇڭا ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرغا بولغان قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدى. ئېلېكتىرونلۇق رويال دەرسىمۇ بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلېكتىرونلۇق رويال چىلىشنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. بۇنىڭغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان بالىلار دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆگەندى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بۇ مەكتەپتە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كەملىكىنى بىلىپ، ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەتتىن خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتتى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ 2-دەرىسخانا پائالىيىتى سەرخىللىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىگە شارائىت يارىتىلدى.

  يار بويى كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى پاتىگۈل ئابلىمىت مۇنداق دېدى: ھازىر بىز ھەر بىر سىنىپقا كۈندە بىر سائەتتىن كومپيۇتېر دەرسى، بىر سائەتتىن ئېلېكتىرونلۇق رويال دەرسى ئۆتىمىز، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىرقى دەۋرگە ماسلىشىپ ئۇچۇر دەۋرىنى قوبۇل قىلالايدىغان، ئۇچۇردىن پايدىلىنالايدىغان قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق رويالنى چىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى بوشلۇقى تولدۇرۇلدى.

  شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى بۇ كەنتتىكى ئۇسسۇلغا ئىشتىياقى بار بالىلار ئالدىراش كەنت ھويلىسىدىكى ئۇسسۇل رەپىتىس ئۆيىگە كېلىپ، ئۆلچەملىك رەپىتىس ئۆيىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى دىلنۇر ئابدۇرېشىتتىن ئۇسسۇل ئۆگىنىدۇ، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى بولمىغاچقا، ھەر قېتىملىق پائالىيەتلەردە ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى نومۇر تەييارلايتتى. ھازىر ئۇلار سستېمىلىق ئۇسسۇل ئۆگىنىش شارائىتىغا ئىگە بولۇپ، كۈنلىرى ئىنتايىن خۇشال ھەم ئەھمىيەتلىك ئۆتۈۋاتىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە تۈر مەبلەغ ھەل قىلىپ سالغان يېڭى مەكتەپ يېقىندا پۈتىدىغان بولۇپ، بۇ كەنتتىكى بالىلار يىقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى مەكتەپ شارائىتىدا خاتىرجەم ئوقۇيدىغان بولدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار يەنە ئۆز كەسپىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئېتىز-قىرلارغا بېرىپ، شۇ يەردىلا ئويۇن قويۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە، دېھقان-دېھقانچىلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى.

  ياربويى كەنتىنىڭ ئالدىغا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە 50 يول چىرىغى ئورنىتىلىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى دېھقانلارنى كەچلىك بازار قىلىشقا يېتەكلىدى. ھازىر كەچلىرى كەنت ئالدىدىكى كەچلىك بازار قىزىپ كېتىدىغان بولدى. ئۇلار يەنە مېيىپلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ كەنتتىكى قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان راھمانجان تۇرسۇنغا ئاۋدۇفۇن ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئاڭلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. ماڭالمايدىغانلارغا مېيىپلەر ھارۋىسى ئېلىپ بەردى، كەنت كۇتۇپخانىسىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلار ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

  شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن يار بويى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى پەرھات رېھىم مۇنداق دېدى: بىز ناغرىنى غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا يوللىدۇق. بۇ ئارزۇيىمىزمۇ يېقىن كەلگۈسىدە روياپقا چىقىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىمىز مەكتىپىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەر تەتىلدە مەكتەپتىكى ھەر كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ يېزىغا ئەكىلىپ، ئەتراپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىرىغا كېنىشكا تارقىتىش ئارقىلىق، يېزا-كەنتتىكى بالىلارغا ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلىماقچى بولدۇق. تەتىللەردە مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كەنتىمىزگە كېلىپ، يېزا تاملىرىغا رەسىم سىزىپ، كەنت قىياپىتىنى يېڭىلىدى، يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتىللەردىمۇ ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ، «گۈزەل كەنت» قۇرۇش ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى
    ·تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدۇ
    ·قىسمەن ئۆلكىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
    ·ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوسمانىيەچە مەنزىرىلەر
    ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى قالايمىقان تارقىتىش ۋە مەكتەپ…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %70 كە يەتتى