باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

موللازادە كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر

2016.06.30 14:53   مەنبە: خەلق تورى

موللازادە كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى يۇقارقى موللازادە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاسىمگۈل نۇر مۇھەممەت مۇشۇ كۈنلەردە ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى، ئۇ ئائىلىسىدە ھەر خىل پېچىنە-پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇپ، زاكاس بويىچە شەھەر ئىچىدىكى دۇكانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئائىلىدىكى بەش جان ئېرىنىڭ تاپقىنى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇ كەنتكە «ئۈچ ئەل خىزمىتى»گە چۈشكەن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى ئايال كادىرلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇ تاتلىق-تۇرۇم پىشۇرۇشنى ئۆگىنىپ، ئائىلە ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىش باشلىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ئىدىيەسى ئازاد بولۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئەجىر-مېھنىتى بىلەن تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قارارىغا كەلدى.

  بۇ قېتىم يۇقارقى موللازادە كەنتىگە چۈشكەن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى كادىرلار ئالدىنقى ئىككى قارار خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، كەنتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشنى ئالدى بىلەن ئاياللاردىن باشلىدى. ئايال _ بىر ئائىلىنىڭ گۈلى، ئائىلىنىڭ جان تومۇرى. ئايالنىڭ ئائىلىدىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، دەسلەپكى تەربىيەنى ئاياللاردىن باشلاپ، «گۈزەل كەنت» قۇرۇشتا ئالدى بىلەن «گۈزەل ئايال، گۈزەل ئانا» تەربىيەلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىشنى بايراق چىقىرىشتىن باشلىدى. دەسلەپتىكى بايراق چىقارغان دۈشەنبىدە 1245 ئائىلىلىك بار كەنتتىن 150 ئادەم كەلگەنىدى. ھازىر ئۆزلىكىدىن 1300 ئادەم كېلىدىغان بولدى. ھەر قېتىمقى بايراق چىقىرىشتا بىر ھەپتە ئىچىدە قىلىدىغان ئىشلار ئوتتۇرغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئاياللار بالىلارغا، ئائىلىگە قانداق كۆيۈنۈش قاتارلىق لېكسىيەلەر ئارقىلىق، ئائىلىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى ئۇلارغا بىلدۈرۈلۈپ، «ياخشى ئايال، ياخشى كېلىن، ياخشى قېينانا بولۇش» بولۇش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىنىپ، ئاياللارنىڭ تونۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۆرۈپ-ئادەت، مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، پاكىزلىق، بالا بېقىش ھەم تەربىيەلەش توغرىسىدىكى بىلىملەر ئاياللارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئاياللارغا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى قانداق ئاسراش، قانداق كىيىنىش ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ياساندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەلىم بېرىلدى.

  ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قىزلار كەسپىي مەكتىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ تاماق ئېتىش، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى يەتتە يېمەك-ئىچمەك شىركىتى بۇ كەنتكە كېلىپ، ئاياللار پىشۇرغان يېمەكلىكلەرنى تېتىپ بېقىپ، ئون ئايالنى ئۆز شىركىتىگە خىزمەتچىلىككە تاللىدى. بۇ كەنت شەھەرگە يېقىن بولۇپ، نۇرغۇن دېھقاننىڭ يېرى شەھەرگە قېتىلىپ كەتكەچكە، نۇرغۇن كىشى تىجارەت بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى. كەنتنىڭ شەھەرگە يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا تازا ماس كېلەتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسى مەخسۇس ئىككى ئادەمنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، كىيىم لايىھەلەش بويىچە تەربىيەلىدى. ئۇلار قايتىپ كەلگىچە كەنتتە بىر تىككۈچىلىك كارخانىسى قۇرۇپ، قالغان يۇرتداشلىرىنى يېتەكلەش مەقسىتىدە، تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى ئالدىراش شەھەر ئاھالىلىرىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ھەم بۇ ئارقىلىق كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، يەنە 150 ئايالنى مۇنتىزىم، كەسىپلەشكەن ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن، 100 ئايالنى «خام خۇرۇچ» ھۈنىرى بىلەن تەربىيەلىدى. ئىچكى ئۆلكىلەردە تىجارەت قىلغان مۇشۇ يۇرتلۇق تىجارەتچى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچىدىكى پوپايكا توقۇش زاۋۇتىنى يۇرتقا يۆتكەپ كەلدى. بۇ كەنتتە مەخسۇس پوپايكا توقۇش سېخى قۇرۇپ، تېخنىكلارنى تەربىيەلەپ، كەنتتىكى كۆپرەك كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.

  كەنتتە يەنە بالىلار پائالىيەت مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاياللار ئۆگىنشكە كەلگەندە بالىلار ئازادە، خۇشال-خۇرام ئوينايدىغان، ئانىلارغا خاتىرجەم ئۆگىنىدىغان شارائىت يارىتىپ بەردى. ئاياللارغا نۆل ياشتىن-ئۈچ ياشقىچە، ئۈچ ياشتىن-ئالتە ياشقىچە بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش، ياخشى ئائىلە تەربىيەسى توغرىسىدىكى ئۈن-سىنلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆزلىرى ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى بالا تەربىيەلەش توغرىسىدا نۇرغۇن ساۋاتقا ئىگە قىلدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار كەنتتىكى 80-، 90-يىللاردا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ خەنزۇچە ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىپ، گۇرۇپپىدىكى دىلبەر پەرھاتنى خەنزۇچە ئۆگىتىشكە ئورۇنلاشتۇردى. دىلبەر پەرھاتمۇ ياشلارنىڭ ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىپ، ئۇلارغا چۈشىنىشلىك، قىزىقارلىق قىلىپ ھەر كۈنى كەچتە ئىككى سائەت خەنزۇچە ئۆگىتىپ، ياشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇرۇن مەكتەپتە ياخشى ئۆگەنمەي، تىجارەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ياشلار بۇ ياخشى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ناھايىتى تىرىشىپ ئۆگەندى. ھازىر رامىزان سەۋەبلىك كۇرۇسنى توختاتقان بولسىمۇ، ياشلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىپتاردىن كېيىن يەنە ئوقۇغىسى بارلىقىنى، دەرسنى ئۇلاپ ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى.بۇ كەنتتە بىر چوڭ گىلاسلىق بولۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ باغدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، باغنىڭ ئەتراپىنى تۆمۈر رېشاتكا بىلەن توسۇپ، دېھقانلارغا 6000 تۈپ سورتلۇق كۆچەتنى تىكىپ بەردى. گىلاسقا دورا چېچىش ئۈچۈن 20 دورا چېچىش ماشىنىسى ئېلىپ بېرىپ، گىلاسنىڭ ياخشى ئۆسۈشىگە تۈرۈتكە بولدى. باغنىڭ تەشۋىقاتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى باغقا سەيلىگە چىقىپ، گىلاسنى ئۆزلىرى ئۈزۈپ سېتىۋالىدىغانغا يېتەكلەپ، بۇ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگورۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باش يېتەكچىسى كۈلەش ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بىز 3-قارار چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئالدىنقى قاراردىكى كادىرلارنىڭ جاپاغا چىداپ ئاچقان يوللىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كەنت باشلىقى بىلەن ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، خەلقنىڭ ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېتەكچىلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئىدۇق، بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، كەنتتىكى ئاياللارنىڭمۇ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلار ئائىلىدىكى ئانىلىق، ئاياللىق رولىنى چۈشىنىپ يېتىپ، يۈرۈش-تۇرۇش، ئۆي تۇتۇشلىرىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى. بۇرۇن ئەر كىشىنىڭ تاپقىنىغىلا قاراپ ئولتۇرغان بولسا، ھازىر «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەن ماقال-تەمسىلنى چۈشىنىپ يېتىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مېنىڭ قولۇمدىنمۇ كېلىدۇ» دېيەلەيدىغان بولدى. بىز بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئالدى بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇق.كەنتتىكى دېھقان ئايال ئاسىمگۈل ئەخمەت مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ بېكىنمە ھالەتتە ئولتۇرۇش ھالىتىمىز ئۆزگەردى. بۇرۇن ھېيىت-بايرامدا پېچىنە-پىرەنىك، ساڭزىلارنى بازاردىن سېتىۋالاتتۇق. ھازىر ئۆزىمىز پىشۇرىمىز. بۇرۇن كىيگەن كىيىم-كېچىكىمىزدە بەسلەشكەن بولساق، ھازىر ھۈنەردە، پاكىز تۇتقان ئۆيلىرىمىز، ئەتكەن تاماقلىرىمىزدا بەسلىشىدىغان بولدۇق.

  دېھقان تۇتىگۇل ياسىن مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار دېھقانچىلىق جەھەتتىلا بىزگە ياردەم بېرىپ قالماي، ئاياللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئائىلىدىكى رولىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تونۇتتى. بالىلارنىڭ قورسىقىنىلا تويدۇرۇش ئەمەس، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتتۇق. بۇرۇن ئۆزىمىزنى ئاددى بىر دېھقان ئايال دەپ ئويلايتتۇق، ھازىر بىزنىڭمۇ روھىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تىرىشساقلا كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزغا كۆزىمىز يەتتى. كەنتتىكى ھەر بىر ئۆگىنىشكە «يەنە قانداق يېڭى مەزمۇنلار باردۇ؟» دەپ ئالدىرايدىغان بولدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى
    ·تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدۇ
    ·قىسمەن ئۆلكىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
    ·ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوسمانىيەچە مەنزىرىلەر
    ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى قالايمىقان تارقىتىش ۋە مەكتەپ…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %70 كە يەتتى