خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ گۈزەل قىران دەرياسى ۋادىسىدا قەدىمكى تېرەكلەر، گۈل-گىياھلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەردىكى دەل-دەرەخ ۋە يېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن دەريا چاقنىغاندەك كۆرۈنىدۇ. دەريا سۈيى دولقۇنلۇق ھەم ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ، ئېدىرلارنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ .
دەريا جىلغىسىدىكى ئاق تېرەك، توغراق، كۆك تېرەك، قارا تېرەك قاتارلىقلار دۇنيادىكى تۆت چوڭ تېرەك توپىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم تەبىئىي تېرەك گېن ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 10-شى 181-تۈەن-مەيدانى سۇ تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن دەريا جىلغىسىدىكى تەبىئىي ئورمانلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، پۈتكۈل دەريا قىنىدىكى تېرەكلەرنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى